«سېستىمام تورى» سېستىما ھۆججەتلىرىنى باشقۇرۇش ئىشلىتىش قوللانمىسى

V2.4 · ھەقسىز تارقىتىلىدۇ · WIM بۆلۈش، تەكشۈرۈش ۋە بىرلەشتۈرۈش

بۇ پروگرامما نېمە قىلىدۇ؟
چوڭ ھەجىملىك WIM سىستېما ئوبرازىنى كىچىك بۆلەكلەرگە ئايرىپ يوللاش ۋە چۈشۈرۈشنى قولايلاشتۇرىدۇ. چۈشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن ھەر بىر بۆلەكنىڭ SHA-256 تەكشۈرۈش كودىنى تەكشۈرۈپ، تولۇق WIM ھۆججىتىگە قايتا بىرلەشتۈرىدۇ. پروگرامما ئادەتتە تورغا چىقمايدۇ ۋە ئوبراز ھۆججىتىنى ئاپتوماتىك ئۆچۈرمەيدۇ.

1. كىچىك پارچىلارغا بۈلۈش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش

  1. 非编系统之家镜像管理系统.exe پروگراممىسىنى ئېچىڭ، ئاندىن «制作镜像分段» (ئوبراز بۆلەكلەش) نى تاللاڭ.
  2. «镜像文件» (ئوبراز ھۆججىتى) دىن ئەسلى .wim ھۆججىتىنى تاللاڭ.
  3. «保存位置» (ساقلاش ئورنى) دىن بوش بىر قىسقۇچ تاللاڭ.
  4. سۈكۈتتىكى بۆلەك چوڭلۇقى 4 GiB. FAT32 دىسكا ئىشلىتىلسە 1 ياكى 2 GiB تاللاڭ، ياكى NTFS/exFAT دىسكىغا ئالماشتۇرۇڭ.
  5. «开始制作分段» (بۆلەكلەشنى باشلاش) نى بېسىڭ.
  6. تاماملانغاندىن كېيىن «打开分段目录» (بۆلەك قىسقۇچىنى ئېچىش) نى بېسىڭ.

ھاسىل بولغان ھۆججەتلەرنىڭ نامى ئەسلى WIM نامىنى ساقلايدۇ:

Windows11_26H2.wim.001
Windows11_26H2.wim.002
Windows11_26H2.wim.003
manifest.json

manifest.json ئىچىدە ئەسلى ھۆججەت ۋە ھەر بىر بۆلەكنىڭ SHA-256 كودى، چوڭلۇقى ۋە تەرتىپى ساقلىنىدۇ. خېرىدارغا پروگرامما، manifest.json ۋە بارلىق بۆلەكلەرنى بىرلىكتە تەمىنلەڭ.

2. خېرىدار: تەكشۈرۈش ۋە WIM سىستېما ئوبرازىنى بىرلەشتۈرۈش

  1. پروگرامما، manifest.json ۋە بارلىق بۆلەك ھۆججەتلىرىنى ئوخشاش بىر قىسقۇچقا چۈشۈرۈڭ.
  2. پروگراممىنى ئېچىڭ. ئەگەر manifest.json پروگرامما بىلەن بىر قىسقۇچتا بولسا، تەكشۈرۈش بېتى ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ.
  3. «下载文件夹» (چۈشۈرۈلگەن بۆلەك قىسقۇچى) ۋە «合并保存位置» (بىرلەشتۈرۈش نەتىجىسى ساقلىنىدىغان ئورۇن) نى تاللاڭ. نەتىجە ئورنىدا يېتەرلىك بوش يەر بولسۇن.
  4. «开始校验并合并» (تەكشۈرۈش ۋە بىرلەشتۈرۈشنى باشلاش) نى بېسىڭ.
  5. ئاخىرىدا WIM تەكشۈرۈشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، «打开合并目录» (بىرلەشتۈرۈلگەن قىسقۇچنى ئېچىش) نى بېسىپ تولۇق WIM ھۆججىتىنى تېپىڭ.

«选择…» (تاللاش) كۇنۇپكىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە manifest.json نى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ پروگرامما ئۇنىڭ قىسقۇچىنى ئۆزى ئىشلىتىدۇ.

3. بۆلەك كەم ياكى بۇزۇلغاندا

پروگرامما مەسىلە بار ھۆججەتلەرنى تولۇق كۆرسىتىدۇ:

كەم: Windows11_26H2.wim.003
بۇزۇلغان: Windows11_26H2.wim.007

پەقەت كۆرسىتىلگەن ھۆججەتلەرنى قايتا چۈشۈرۈپ، ئەسلى قىسقۇچقا قويۇڭ، ئاندىن «开始校验并合并» نى قايتا بېسىڭ. ھۆججەت نامىنى ۋە manifest.json نى ئۆزگەرتمەڭ.

4. مۇھىم كۇنۇپكىلار

  • 打开分段目录 — بۆلەك ياكى清单 بار قىسقۇچنى ئاچىدۇ.
  • 打开合并目录 — تولۇق WIM ساقلانغان نەتىجە قىسقۇچىنى ئاچىدۇ.
  • 清除当前记录 — ئېكراندىكى خاتىرە ۋە مەسىلە تىزىملىكىنى تازىلايدۇ، ھۆججەتلەرگە تەسىر قىلمايدۇ.
  • 取消 — نۆۋەتتىكى ۋەزىپىنى توختىتىدۇ؛ ۋاقىتلىق ھۆججەت تازىلىنىدۇ، ئەسلى ھۆججەت ۋە بۆلەكلەر ساقلىنىدۇ.

5. كۆپ سورىلىدىغان سوئاللار

Bandizip، WinRAR ياكى 7-Zip بىلەن بىۋاسىتە ئاچقىلى بولامدۇ؟

.001/.002/.003 بۇ پروگراممىنىڭ ئەسلى بۆلەكلەش فورماتى بولۇپ، پىرىسلاش پروگراممىلىرىنىڭ分卷 ئارخىپى ئەمەس. شۇڭا بۇ پروگراممىنىڭ ئۆزى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ بىرلەشتۈرۈڭ.

بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك بوش يەر كېرەك؟

نەتىجە ساقلىنىدىغان دىسكىدا تولۇق WIM چوڭلۇقىغا تەڭ بوش يەر بولۇشى كېرەك. قوشۇمچە 1 GiB بوش يەر قالدۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

پروگرامما تورغا چىقامدۇ؟

سۈكۈتتىكى ھالەتتە تورغا چىقمايدۇ، ئوبرازنى يۈكلىمەيدۇ ۋە ھېسابات ياكى ئۈسكۈنە ئۇچۇرىنى توپلىمايدۇ. خاتالىق خاتىرىسى %LOCALAPPDATA%\WimTool\error.log ئورنىدا ساقلىنىدۇ.

بۇ پروگرامما ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. شەخس، كارخانا ۋە سودا ئىشلىرىدا ھەقسىز ئىشلىتىش، كۆچۈرۈش ۋە تارقىتىشقا بولىدۇ. مۇھىم ئوبرازنى تارقىتىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم تولۇق بۆلۈپ ۋە قايتا بىرلەشتۈرۈپ سىناپ بېقىڭ.
بايانات: بۇ بېكەتتە سېتىلىدىغان تەرتىپ نومۇرى (Serial Number) Windows سىستېمىسى ياكى باشقا تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ئىجازەت نومۇرى ئەمەس، سېتىۋېلىش ھەققى پەقەت بىزنىڭ سىستېما بوغچىلاش (Packaging) خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىق ھەققىدۇر. تەرتىپ نومۇرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل (365 كۈن). تور بەتتىكى مەزمۇنلار پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر، سودا مەقسىتىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى تەمىنلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە، 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان نەشر ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئەسلىي ئاپتورنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بېكەتتە سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما ھەمدە شەخسىي نۇسخا، كەسپىي نۇسخا، كارخانا نۇسخىسىدىكى سېستىمىلارنى ئېلان قىلىندى، ھەر بىر نۇسخىنىڭ سېتىۋېلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىچە: 1. سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئاساسلىقى بىر قېتىملا سىناپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا 30 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپ نومۇرىنى بۇ تور بەت پىچەتلەپ تارقاتقان بىر يۈرۈش سېستىمىغا قارىتا تەكرار ھالەتتە 365كۈن ئىشلىتەلەيدۇ ، باشقا سېستىما قاچىلىماقچى بولسا يېڭىدىن قاچىلاش نۇمۇرى سېتىۋېلىش كېرەك. 2. شەخسىي نۇسخىدىكى سىن تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، بىر قېتىمدا 100 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ تەرتىپ نومۇرى بىلەن، بۇ بېكەت ئېلان قىلغان بارلىق سېستىمىلارنى ئوخشاش بىر كومپيۇتېردا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ. 3. كەسپىي نۇسخىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كومپىيۇتىرى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان بۇلۇپ، بىر قېتىمدا 150 يۈەن تۆلەپ، 3 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ 3 دانە تەرتىپ نومۇرىنى 3 دانە كومپيۇتېردا ئىشلىتىپ، بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى خالىغانچە قايتا-قايتا قاچىلىيالايدۇ. 4. كارخانا نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: مەخسۇس كارخانا دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بىر قېتىمدا200 يۈەن تۆلەپ، 5 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ 5 دانە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق، 5 دانە كومپيۇتېردا بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.