جىيەنيىڭ (Jianying) — ئىشلىتىش ئىنتايىن قولايلىق ۋە ئىقتىدارى تولۇق بولغان سىن تەھرىرلەش (مونتاج) يۇمشاق دېتالىدۇر. ئۇ 2019-يىلى 5-ئايدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ئاددىي كۆرۈنمە يۈزى ۋە كۈچلۈك ئىقتىدارى بىلەن تېزلا كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
بىرىنچى، ئىقتىدار ئالاھىدىلىكى
- **كۆپ سۇپىلىق: ** ئاندروئىد (Android)، ئالما (iOS) ۋە توربەت (Web) نۇسخىلىرى بار بولۇپ، خالىغان ئۈسكۈنىدە سىن ئىشلىگىلى بولىدۇ.
- كۈچلۈك تەھرىرلەش ئىقتىدارى:
-
- سىن كېسىش: سىننى خالىغان يەردىن كېسىپ بۆلۈشكە، ئارىلىقىغا ئالمىشىش ئۈنۈمى (transition) ياكى باشقا ماتېرىياللارنى قوشۇشقا بولىدۇ.
- سۈرئەت تەڭشەش: سىننى 0.1 ھەسسىدىن 100 ھەسسىگىچە تېزلىتىش ياكى ئاستىلىتىشقا بولىدۇ.
- تەتۈر قويۇش ۋە ئالمىشىش: سىننى ئارقىدىن ئالدىغا قويغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن خىل يۆتكىلىش ئۈنۈملىرى بار.
- سۈزگۈچ (Filter) ۋە ئالاھىدە ئۈنۈملەر: رەڭ تەڭشەش، گۈزەللەشتۈرۈش ۋە كۆپ خىل كىنو ئۈنۈملىرىنى قوشقىلى بولىدۇ.
- ئاۋاز ئۆزگەرتىش ۋە خەت قوشۇش: ئادەم ئاۋازىنى ئاپتوماتىك تونۇپ خەت (سۇبتاج) چىقىرىپ بېرىدۇ، ناخشا تېكىستلىرىنىمۇ ئاپتوماتىك چىقىرىدۇ. ئاۋازنى قىزىقارلىق قىلىپ ئۆزگەرتكىلىمۇ بولىدۇ.
- سۈرەتنى ئايرىش (抠像): سىننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئۆچۈرۈۋەتكىلى ياكى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
- مول ماتېرىيال ئامبىرى: نۇرغۇنلىغان ھەقسىز مۇزىكا، خەت نۇسخىلىرى، چاپلىمىلار ۋە ئالاھىدە ئۈنۈملەر بار.
- ئالاھىدە ئىقتىدارلار:
-
- تېكىستتىن سىن ياساش: پەقەت تېما ۋە مەزمۇننى كىرگۈزسىڭىزلا، يۇمشاق دېتال ئۆزى ئاپتوماتىك سۈرەت، مۇزىكا ۋە ئاۋاز قوشۇپ سىن ياساپ بېرىدۇ.
- سۈنئىي ئىدراكلىق ئەسكەرتكۈچ (提词器): سىنغا ئېلىۋاتقاندا سۆزلەيدىغان تېكىستنى ئېكرانغا چىقىرىپ بېرىدۇ، بۇ سۆزلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ياردەم بېرىدۇ.
- ئېكرانغا ئېلىش: ئويۇن، يىغىن ياكى بىۋاسىتە تارقىتىشلارنى ئېكراندىن سىنغا ئېلىپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تەھرىرلىگىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، ئىشلىتىش كۆرۈنۈشلىرى
- شەخسىي تۇرمۇش: ساياھەت، تۇرمۇش ۋە ئائىلە ئەسلىمىلىرىنى چىرايلىق سىن قىلىپ ئىشلەش.
- ئۆز تاراتقۇ (Self-media): قىسقا سىن ئىجادكارلىرى ئۈچۈن تېز ۋە سۈپەتلىك مەزمۇن ئىشلەشتىكى ئەڭ ياخشى ياردەمچى.
- سودا تەشۋىقاتى: كىچىك كارخانا ۋە دۇكانلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش سىنلىرىنى ئىشلىشىگە ماس كېلىدۇ.
- مائارىپ ۋە تەربىيەلەش: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسلىك سىنلىرىنى قىزىقارلىق قىلىپ ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
ئۈچىنچى، بازار ئىپادىسى
- ئىشلەتكۈچىلەر: دۇنيا مىقياسىدا ئىشلەتكۈچىلىرى ئىنتايىن كۆپ. 2023-يىلى 8-ئايدىكى سىتاتىستىكىغا قارىغاندا، iPhone ۋە Android تېلېفونلىرىدا جىنيىڭ ئىشلەتكۈچىلەر 490 مىليونغا يەتكەن.
- بازار قىممىتى: 2023-يىلىنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ كىرىم قىلغان سىن تەھرىرلەش يۇمشاق دېتالى بولۇپ باھالانغان.
- ئومۇمىي سانلىق مەلۇمات: 2024-يىلى 12-ئايغىچە، جىيەنيىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقئارالىق نۇسخىسى (CapCut) نىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئايلىق ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىسى 800 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.
بايانات: بۇ بېكەتتە سېتىلىدىغان تەرتىپ نومۇرى (Serial Number) Windows سىستېمىسى ياكى باشقا تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ئىجازەت نومۇرى ئەمەس، سېتىۋېلىش ھەققى پەقەت بىزنىڭ سىستېما بوغچىلاش (Packaging) خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىق ھەققىدۇر. تەرتىپ نومۇرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل (365 كۈن).
تور بەتتىكى مەزمۇنلار پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر، سودا مەقسىتىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى تەمىنلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە، 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان نەشر ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئەسلىي ئاپتورنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئوخشىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بېكەتتە سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما ھەمدە شەخسىي نۇسخا، كەسپىي نۇسخا، كارخانا نۇسخىسىدىكى سېستىمىلارنى ئېلان قىلىندى، ھەر بىر نۇسخىنىڭ سېتىۋېلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىچە:
1. سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئاساسلىقى بىر قېتىملا سىناپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا 30 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپ نومۇرى پەقەت بىر قېتىملىق قاچىلاشنىلا قوللايدۇ، قاچىلانغاندىن كېيىن كۈچتىن قالىدۇ، قايتا قاچىلاشتا يېڭىدىن سېتىۋېلىش كېرەك.
2. شەخسىي نۇسخىدىكى سىن تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، بىر قېتىمدا 100 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ تەرتىپ نومۇرى بىلەن، بۇ بېكەت ئېلان قىلغان 30 يۈرۈش سىستېمىسىنى ئوخشاش بىر كومپيۇتېردا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
3. كەسپىي نۇسخىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كومپىيۇتىرى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان بۇلۇپ، بىر قېتىمدا 150 يۈەن تۆلەپ، 3 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ 3 دانە تەرتىپ نومۇرىنى 3 دانە كومپيۇتېردا ئىشلىتىپ، بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى خالىغانچە قايتا-قايتا قاچىلىيالايدۇ.
4. كارخانا نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما:: مەخسۇس كارخانا دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بىر قېتىمدا200 يۈەن تۆلەپ، 5 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ 5 دانە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق، 5 دانە كومپيۇتېردا بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
