بۇ قوراللار ئېكراندىكى ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى (سىن) ياكى تۇراقلىق كۆرۈنۈشلەرنى (رەسىم) تۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلار دەرس ئۆتۈش، ئويۇن خاتىرىلەش، خىزمەت دوكلاتى تەييارلاش ۋە يىراقتىن ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئىشلاردا بەكمۇ ئەسقاتىدۇ. تۆۋەندە ئاساسلىق تۈردىكى قوراللار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز:
1. سىنغا ئېلىش (录屏) قوراللىرى
- OBS Studio
-
- ئالاھىدىلىكى: پۈتۈنلەي ھەقسىز، كۆپ خىل سىستېمىلاردا (Windows/Mac/Linux) ئىشلەيدۇ، ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك.
- ئىقتىدارى: پۈتۈن ئېكران ياكى تاللانغان رايوننى ئېلىش، بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە كامېرانى ئىشلىتىش، بىۋاسىتە (直播) تارقىتىش.
- ماس كېلىدىغان ئورۇنلار: كەسپىي چاقچىلار (主播)، ئويۇن سىنلىرىنى ئىشلىگۈچىلەر.
- يېتەرسىزلىكى: مەشغۇلاتى سەل مۇرەككەپ، ئۆگىنىشكە ۋاقىت كېتىدۇ.
- Bandicam ئالاھىدىلىكى: ھەقلىق يۇمشاق دېتال، كومپيۇتېرنىڭ كۈچىنى كۆپ يېمەيدۇ، سىننىڭ سۈپىتى ئىنتايىن سۈزۈك.
-
- ئىقتىدارى: ئويۇن خاتىرىلەش، سىنغا سۇ بەلگىسى (Watermark) قوشۇش، مائۇسقا ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىش.
- ماس كېلىدىغان ئورۇنلار: ئويۇن ئوينىغۇچىلار، يۇقىرى سۈپەتلىك سىن ئىشلىگۈچىلەر.
- يېتەرسىزلىكى: ھەقسىز نۇسخىسىدا سىنغا سۇ بەلگىسى چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى (10 مىنۇت) بار.
- شۈنجيې ئېكران خاتىرىلەش (迅捷屏幕录像工具)
-
- ئالاھىدىلىكى: ئىقتىدارى تولۇق، مەشغۇلاتى ئاددىي، قېتىلمايدۇ.
- ئىقتىدارى: رايون تاللاپ سىنغا ئېلىش، سىستېما ياكى مىكروفون ئاۋازىنى ئايرىم ئېلىش، سىننى تەھرىرلەش.
- ماس كېلىدىغان ئورۇنلار: دەرس ئۆتۈش، كۈندىلىك ئاددىي سىنلارنى ئىشلەش.
- EV ئېكران خاتىرىلەش (EV录屏)
-
- ئالاھىدىلىكى: ھەقسىز، سۇ بەلگىسى چۈشمەيدۇ، تېلېفون ۋە كومپيۇتېرنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەيدۇ.
- ئىقتىدارى: ۋاقىتلىق سىنغا ئېلىش، كامېرا كۆرۈنۈشىنى قوشۇپ ئېلىش، توردا بىۋاسىتە تارقىتىش.
- ماس كېلىدىغان ئورۇنلار: تور دەرسلىرى، تېلېفون ئېكرانىنى سىنغا ئېلىش.
- Camtasia
-
- ئالاھىدىلىكى: ھەقلىق، ھەم سىنغا ئالىدۇ، ھەم كەسپىي دەرىجىدە سىن تەھرىرلەيدۇ.
- ئىقتىدارى: خەت قوشۇش، كۆرۈنۈش ئالمىشىش ئۈنۈمى، بەزى جايلارنى چوڭايتىپ كۆرسىتىش.
- ماس كېلىدىغان ئورۇنلار: كەسپىي تەربىيەلەش سىنلىرى، يۇمشاق دېتال تونۇشتۇرۇش.
2. رەسىمگە تارتىش (截图) قوراللىرى
- FastStone Capture
-
- ئالاھىدىلىكى: بەك يېنىك ۋە كىچىك، ئەمما ئىقتىدارى بەك كۆپ.
- ئىقتىدارى: ئۇزۇن رەسىمگە تارتىش (مەسىلەن، پۈتۈن بىر تور بەتنى)، سىنغا ئېلىش، رەسىمگە خەت يېزىش.
- ماس كېلىدىغان ئورۇنلار: ھۆججەت تەييارلاش، تور بەتلەردىن ئۇزۇن رەسىم تارتىش.
- Snipaste
-
- ئالاھىدىلىكى: ھەقسىز، ئەڭ كۈچلۈك تەرىپى «چاپلاش» (贴图) ئىقتىدارى.
- ئىقتىدارى: تارتىلغان رەسىمنى ئېكراننىڭ بىر بېشىدا تۇرغۇزۇپ قويۇش (پايدىلىنىش ئۈچۈن)، خىرەلەشتۈرۈش، بەلگە قويۇش.
*ماس كېلىدىغان ئورۇنلار: لايىھەلىگۈچىلەر، پروگراممىرلار، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ بىر تەرەپتىن ئىش قىلغۇچىلار.
- PicPick
-
- ئالاھىدىلىكى: نۇرغۇن كىچىك قوراللار بىر يەرگە جەم بولغان.
- ئىقتىدارى: رەسىم تەھرىرلەش، رەڭ تاللىغۇچ (Color Picker)، ئېكران سىزغۇچى.
- ماس كېلىدىغان ئورۇنلار: گرافىك لايىھەلىگۈچىلەر، ئادەتتىكى ئىشخانا خىزمەتچىلىرى.
- ShareX
-
- ئالاھىدىلىكى: ھەقسىز، تارتىلغان رەسىمنى تورغا تېز يوللاپ بېرىدۇ.
- ئىقتىدارى: GIF رەسىم ياساش، رەسىمنى بۇلۇت ئامبىرىغا ئاپتوماتىك يوللاش.
- ماس كېلىدىغان ئورۇنلار: رەسىمنى باشقىلارغا تېز ھەمبەھرىلەيدىغانلار.
- WinSnap
-
- ئالاھىدىلىكى: تارتىلغان رەسىمنى دەرھال چىرايلىق قىلىپ بېرىدۇ.
- ئىقتىدارى: رەسىمگە كۆلەڭگە ۋە گىرۋەك قوشۇش، بەلگە قويۇش.
- ماس كېلىدىغان ئورۇنلار: رەسىمنىڭ كەسپىي ۋە چىرايلىق بولۇشىنى خالايدىغانلار.
3. تاللاش تەكلىپى
سىنغا ئېلىش ئۈچۈن:
- كەسپىي بولىمەن دېسىڭىز: OBS Studio ياكى Camtasia.
- ئويۇن خاتىرىلەيمەن دېسىڭىز: Bandicam ياكى شۈنجيې (迅捷).
- ئاددىي ۋە ھەقسىز بولسۇن دېسىڭىز: EV錄屏 ياكى Windows نىڭ ئۆزىدىكى Xbox Game Bar.
رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن:
- ھەممە ئىقتىدار بولسۇن دېسىڭىز: FastStone Capture ياكى PicPick.
- سېلىشتۇرۇپ ئىشلەيمەن دېسىڭىز: Snipaste (رەسىمنى ئېكرانغا چاپلاپ قويۇش ئۈچۈن).
- تېز ھەمبەھرىلەيمەن دېسىڭىز: ShareX.
بايانات: بۇ بېكەتتە سېتىلىدىغان تەرتىپ نومۇرى (Serial Number) Windows سىستېمىسى ياكى باشقا تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ئىجازەت نومۇرى ئەمەس، سېتىۋېلىش ھەققى پەقەت بىزنىڭ سىستېما بوغچىلاش (Packaging) خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىق ھەققىدۇر. تەرتىپ نومۇرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل (365 كۈن).
تور بەتتىكى مەزمۇنلار پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر، سودا مەقسىتىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى تەمىنلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە، 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان نەشر ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئەسلىي ئاپتورنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئوخشىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بېكەتتە سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما ھەمدە شەخسىي نۇسخا، كەسپىي نۇسخا، كارخانا نۇسخىسىدىكى سېستىمىلارنى ئېلان قىلىندى، ھەر بىر نۇسخىنىڭ سېتىۋېلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىچە:
1. سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئاساسلىقى بىر قېتىملا سىناپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا 30 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپ نومۇرى پەقەت بىر قېتىملىق قاچىلاشنىلا قوللايدۇ، قاچىلانغاندىن كېيىن كۈچتىن قالىدۇ، قايتا قاچىلاشتا يېڭىدىن سېتىۋېلىش كېرەك.
2. شەخسىي نۇسخىدىكى سىن تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، بىر قېتىمدا 100 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ تەرتىپ نومۇرى بىلەن، بۇ بېكەت ئېلان قىلغان 30 يۈرۈش سىستېمىسىنى ئوخشاش بىر كومپيۇتېردا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
3. كەسپىي نۇسخىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كومپىيۇتىرى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان بۇلۇپ، بىر قېتىمدا 150 يۈەن تۆلەپ، 3 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ 3 دانە تەرتىپ نومۇرىنى 3 دانە كومپيۇتېردا ئىشلىتىپ، بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى خالىغانچە قايتا-قايتا قاچىلىيالايدۇ.
4. كارخانا نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما:: مەخسۇس كارخانا دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بىر قېتىمدا200 يۈەن تۆلەپ، 5 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ 5 دانە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق، 5 دانە كومپيۇتېردا بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
