Windows11 24H2 26100.7171 X64(2025.11.12)
بۇ قېتىملىق يېڭىلىنىش ئاساسلىقى سىستېمىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش ۋە بەزى كونا كاشىلالارنى ئوڭشاشنى نىشان قىلغان. 1. ئاساسلىق ئۆزگىرىشلەر باشلاش تىزىملىكى (Start Menu) يېڭىلاندى: ئەمدى «بارلىق ئەپلەر» دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ يۈرمەي، چاشقىنەك چاقىنى ئايلاندۇرۇش ئارقىلىقلا ھەممە پروگراممىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يەنە ئەپلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ كۆرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى. ۋەزىپە باشقۇرغۇچ (Task Manager) ئوڭشالدى: ئىلگىرى ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى ياپسىمۇ ئارقا سۇپىدا قېلىپ قېلىپ، سىستېمىنى ئاستىلىتىپ قويىدىغان مەسىلە تولۇق ھەل قىلىندى. توك بەلگىسى (Battery Icon) تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك بولدى: توك بەلگىسى ئەمدى رەڭلىك كۆرۈنىدۇ. توك ئاز قالسا قىزىل، توك قاچىلانسا يېشىل، توك تېجەش ھالىتىدە قىزغۇچ سېرىق بولىدۇ. شۇنداقلا، چاشقىنەكنى ئاپارماي تۇرۇپلا توك پىرسەنتىنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ. 2. يېڭىدىن قوشۇلغان قۇلايلىقلار تەۋسىيە قىلىنغان ھۆججەتلەر: ھۆججەت باشقۇرغۇچنىڭ باش بېتىدە سىز كۆپ ئىشلىتىدىغان ياكى يېڭى چۈشۈرگەن ھۆججەتلەر
