C4D گېرمانىيە Maxon شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىقارغان، ناھايىتى كۈچلۈك بولغان 3D (ئۈچ ئۆلچەملىك) لايىھەلەش يۇمشاق دېتالى. ئۇ ئىشلىتىشكە ئاددىي، ئۈنۈمى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن كىنو-تېلېۋىزىيە، ئېلان، ئويۇن ۋە سانائەت لايىھەلەش ساھەلىرىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى
- مودېل ياساش (Modeling): مەيلى ئاددىي بۇيۇملار، ماشىنا-بىنالار ياكى مۇرەككەپ ئادەم شەكىللىرى بولسۇن، ھەممىسىنى ناھايىتى چىرايلىق ياسىغىلى بولىدۇ. يېڭى نۇسخىلىرىدا سۈنئىي ئىدراك (AI) ياردىمىدە مودېلنى تېز ياساش ئىقتىدارى قوشۇلغان.
- كارتون ئىشلەش (Animation): سۆڭەك تەڭشەش ئارقىلىق پېرسوناژلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، نەرسىلەرنى سوقۇشتۇرۇش، رەختلەرنى يەلبۈرۈتۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگىلى بولىدۇ.
- MoGraph (ھەرىكەتچان گرافىك): بۇ C4D نىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەرىپى. ئېلانلاردىكى ئاجايىپ ھەرىكەتچان تېكىست ۋە گرافىكلارنى ياساشتا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
- رەندەرلەش (Rendering): ياسىغان مودېللارغا نۇر ۋە ماتېرىيال بېرىپ، ئۇنى خۇددى ھەقىقىي سۈرەت ياكى كىنودەك كۆرسىتىش جەريانى. ئۇ Redshift غا ئوخشاش تېز سۈرئەتلىك رەندەرلىگۈچىلەرنى قوللايدۇ.
- تەقلىد قىلىش (Simulation): سۇ، ماي، ئوت، پارتلاش، چاچ ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى خۇددى رېئاللىقتىكىدەك تەقلىد قىلىپ ياسىغىلى بولىدۇ.
قايسى ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ؟
- كىنو-تېلېۋىزىيە: «ئاۋاتار»، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» غا ئوخشاش چوڭ فىلىملەردىكى ئالاھىدە ئۈنۈملەرنى ياساشتا.
- ئېلان لايىھەلەش: مەھسۇلاتلارنى (مەسىلەن: ئالما تېلېفونى) كۆركەم كۆرسىتىدىغان ئېلانلارنى ئىشلەشتە.
- ئويۇن ساھەسى: ئويۇن پېرسوناژلىرى ۋە كۆرۈنۈشلىرىنى لايىھەلەشتە.
- بىناكارلىق ۋە سانائەت: بىنالارنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئالدىن سىزىپ چىقىش ۋە ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى لايىھەلەشتە.
نەشرلىرى (تۈرلىرى)
- Prime: ئاساسىي نۇسخىسى، يېڭى ئۆگەنكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ.
- Broadcast: تېلېۋىزىيە ۋە ئېلان ئىشلەيدىغانلارغا ماس كېلىدۇ.
- Visualize: بىناكارلىق ۋە مەھسۇلات لايىھەلىگۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ.
- Studio: ئەڭ تولۇق نۇسخىسى، بارلىق ئىقتىدارلار بار، كەسپىي خادىملار ئۈچۈن.
خۇلاسە: ئەگەر سىز 3D دۇنياسىغا كىرمەكچى بولسىڭىز، C4D ئەڭ ئاسان، ئەڭ تېز ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالدۇر.
بايانات: بۇ بېكەتتە سېتىلىدىغان تەرتىپ نومۇرى (Serial Number) Windows سىستېمىسى ياكى باشقا تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ئىجازەت نومۇرى ئەمەس، سېتىۋېلىش ھەققى پەقەت بىزنىڭ سىستېما بوغچىلاش (Packaging) خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىق ھەققىدۇر. تەرتىپ نومۇرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل (365 كۈن).
تور بەتتىكى مەزمۇنلار پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر، سودا مەقسىتىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى تەمىنلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە، 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان نەشر ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئەسلىي ئاپتورنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئوخشىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بېكەتتە سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما ھەمدە شەخسىي نۇسخا، كەسپىي نۇسخا، كارخانا نۇسخىسىدىكى سېستىمىلارنى ئېلان قىلىندى، ھەر بىر نۇسخىنىڭ سېتىۋېلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىچە:
1. سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئاساسلىقى بىر قېتىملا سىناپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا 30 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپ نومۇرى پەقەت بىر قېتىملىق قاچىلاشنىلا قوللايدۇ، قاچىلانغاندىن كېيىن كۈچتىن قالىدۇ، قايتا قاچىلاشتا يېڭىدىن سېتىۋېلىش كېرەك.
2. شەخسىي نۇسخىدىكى سىن تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، بىر قېتىمدا 100 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ تەرتىپ نومۇرى بىلەن، بۇ بېكەت ئېلان قىلغان 30 يۈرۈش سىستېمىسىنى ئوخشاش بىر كومپيۇتېردا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
3. كەسپىي نۇسخىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كومپىيۇتىرى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان بۇلۇپ، بىر قېتىمدا 150 يۈەن تۆلەپ، 3 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ 3 دانە تەرتىپ نومۇرىنى 3 دانە كومپيۇتېردا ئىشلىتىپ، بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى خالىغانچە قايتا-قايتا قاچىلىيالايدۇ.
4. كارخانا نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما:: مەخسۇس كارخانا دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بىر قېتىمدا200 يۈەن تۆلەپ، 5 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ 5 دانە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق، 5 دانە كومپيۇتېردا بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
