1. نەشر ئارقا كۆرۈنۈشى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2023-يىلى 8-ئاي (8-ئايدىكى KB5029263 نومۇرلۇق ياماق پروگراممىسى ئاساسىدا يېڭىلانغان).

مەنبەسى: مىكروسوفت (Microsoft) رەسمىي ئېلان قىلغان بولۇپ، سىستېما يېڭىلاش ياكى ئايرىم قاچىلاش بولىقى ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ.

2. يېڭىلانغان مەزمۇنلار

قولدا يېزىش تاختىسىنىڭ ياخشىلىنىشى: قولدا يېزىش ماتورى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خەت يېزىش تېخىمۇ ئېنىق ۋە تېز بولىدۇ.

خەنزۇچە ھەرپ كودلاش سىستېمىسى: GB18030-2022 ئۆلچىمىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، خەنزۇچە خەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن.

ئۇقتۇرۇش سىستېمىسى: ئۇقتۇرۇش كەلگەندە توك سەرپىياتى بەك كۆپ بولۇپ كېتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، باتارېيەنىڭ چىدامچانلىقى ئاشۇرۇلغان.

ئۇقتۇرۇش مۇلازىمىتى (WNS): ئۇقتۇرۇشلارنىڭ تېخىمۇ مۇقىم ۋە ئىشەنچلىك كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنغان.

باشقا تۈزىتىشلەر: Windows Autopilot نىڭ سەپلىمە ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا قايتا سىناش قېتىم سانى كۆپەيتىلگەن؛ سىستېما ئىچكى پائالىيەتلىرىنى خاتىرىلەش تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلغان.

3. سىستېما ئالاھىدىلىكى

زامانىۋى لايىھە: يېپيېڭى «باشلاش» (Start) تىزىملىكى، ۋەزىپە ستونى ۋە يۇمىلاق بۇلۇڭلۇق كۆزنەك لايىھەسى بىلەن تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.

تېزلىك ۋە ئۈنۈم: سىستېمىنىڭ ئاستى قەۋىتى ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەشغۇلات تېزلىكى ۋە كۆپ خىل خىزمەتنى تەڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى.

گرافىك ۋە ئويۇن: DirectX 12 Ultimate نى قوللايدۇ، ئويۇن ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق پروگراممىلارنىڭ تەسۋىرى تېخىمۇ سۈزۈك بولىدۇ.

بىخەتەرلىك: كىملىك پەرقلەندۈرۈش (Windows Hello) قاتارلىق ئىقتىدارلار ئارقىلىق شەخسىي مەخپىيەتلىك ۋە بىخەتەرلىك كۈچەيتىلگەن.

ماسلىشىشچانلىقى: مەيلى يېڭى كومپيۇتېر ياكى كونا ماركىلىق كومپيۇتېرلار بولسۇن، سىستېما ئىنتايىن مۇقىم يۈرىدۇ.

4. چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش قوللانمىسى

چۈشۈرۈش: جەزمەن مىكروسوفتنىڭ رەسمىي تور بېكىتىدىن ياكى ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن چۈشۈرۈڭ.

قوزغىتىش دىسكىسى ياساش: Rufus ياكى باشقا قوراللار ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتنى U دىسكىغا بېسىپ، قوزغىتىش دىسكىسى ياساڭ.

قاچىلاش باسقۇچلىرى:

    1. U دىسكىنى كومپيۇتېرغا سېلىپ قوزغىتىڭ ھەمدە BIOS تەڭشىكىدىن U دىسكىنى بىرىنچى قوزغىتىش ئورنىغا قويۇڭ.
    2. تەڭشەكنى ساقلاپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن قاچىلاش يۈزىگە كىرىسىز.
    3. ئەسكەرتىش بويىچە سىستېما قاچىلىنىدىغان ئورۇننى ۋە نەشرىنى (مەسىلەن: كەسپىي نەشرى) تاللاپ، قاچىلاشنىڭ تاماملىنىشىنى كۈتۈڭ.
بايانات: بۇ بېكەتتە سېتىلىدىغان تەرتىپ نومۇرى (Serial Number) Windows سىستېمىسى ياكى باشقا تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ئىجازەت نومۇرى ئەمەس، سېتىۋېلىش ھەققى پەقەت بىزنىڭ سىستېما بوغچىلاش (Packaging) خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىق ھەققىدۇر. تەرتىپ نومۇرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل (365 كۈن). تور بەتتىكى مەزمۇنلار پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر، سودا مەقسىتىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى تەمىنلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە، 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان نەشر ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئەسلىي ئاپتورنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بېكەتتە سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما ھەمدە شەخسىي نۇسخا، كەسپىي نۇسخا، كارخانا نۇسخىسىدىكى سېستىمىلارنى ئېلان قىلىندى، ھەر بىر نۇسخىنىڭ سېتىۋېلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىچە: 1. سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئاساسلىقى بىر قېتىملا سىناپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا 30 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپ نومۇرى پەقەت بىر قېتىملىق قاچىلاشنىلا قوللايدۇ، قاچىلانغاندىن كېيىن كۈچتىن قالىدۇ، قايتا قاچىلاشتا يېڭىدىن سېتىۋېلىش كېرەك. 2. شەخسىي نۇسخىدىكى سىن تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، بىر قېتىمدا 100 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ تەرتىپ نومۇرى بىلەن، بۇ بېكەت ئېلان قىلغان 30 يۈرۈش سىستېمىسىنى ئوخشاش بىر كومپيۇتېردا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ. 3. كەسپىي نۇسخىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كومپىيۇتىرى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان بۇلۇپ، بىر قېتىمدا 150 يۈەن تۆلەپ، 3 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ 3 دانە تەرتىپ نومۇرىنى 3 دانە كومپيۇتېردا ئىشلىتىپ، بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى خالىغانچە قايتا-قايتا قاچىلىيالايدۇ. 4. كارخانا نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما:: مەخسۇس كارخانا دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بىر قېتىمدا200 يۈەن تۆلەپ، 5 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ 5 دانە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق، 5 دانە كومپيۇتېردا بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.