1. ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى
- ئوقۇش ۋە بېسىپ چىقىرىش: PDF ھۆججەتلىرىنى ناھايىتى تېز ئاچىدۇ، تەسۋىرى سۈزۈك. ئېھتىياجغا قاراپ ھۆججەتلەرنى پىرىنتېردىن چىقارغىلى بولىدۇ.
- بەلگە سېلىش ۋە ئىزاھات يېزىش: مۇھىم مەزمۇنلارنى رەڭلىك سىزىق بىلەن بەلگىلەش، ئاستىغا سىزىق تارتىش، تېكىست رامكىسى قوشۇش ۋە ئىزاھات قالدۇرۇشقا بولىدۇ. ئىزاھاتلار ئىچىدىن ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئىزدەپ تېپىش ئاسان.
- فورمات ئايلاندۇرۇش: PDF ھۆججەتلىرىنى Word، Excel، PowerPoint ۋە رەسىم فورماتلىرىغا ئايلاندۇرغىلى ياكى ئەكسىچە قىلغىلى بولىدۇ. يەنە ھۆججەتنىڭ سىغىمىنى كىچىكلىتىش (پرېسلاش) ئىقتىدارىمۇ بار.
- جەدۋەل تولدۇرۇش ۋە ئىمزا قويۇش: PDF فورماتىدىكى جەدۋەللەرنى بىۋاسىتە كومپيۇتېردا تولدۇرغىلى بولىدۇ. ئېلېكترونلۇق ئىمزا قويۇش ئارقىلىق ھۆججەتنىڭ چىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
- بىخەتەرلىك: ھۆججەتكە پارول قويۇشقا ۋە باشقىلارنىڭ رۇخسەتسىز ئۆزگەرتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
- OCR (خەت تونۇش): رەسىم شەكلىدىكى (سكاننېرلانغان) PDF ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلىگىلى بولىدىغان تېكىستكە ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ.
- ئاۋازلىق ئوقۇش: ھۆججەتتىكى تېكىستلەرنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىش ئىقتىدارى بار.
2. تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكى
- كۆپ سىستېمىدا ئىشلەش: Windows، Mac، Linux، Android ۋە iOS قاتارلىق بارلىق سىستېمىلاردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
- تېز ۋە يېنىك: يۇمشاق دېتالنىڭ سىغىمى كىچىك، قوزغىلىش سۈرئىتى تېز، كومپيۇتېرنىڭ بايلىقىنى كۆپ ئىگىلىمەيدۇ.
- ئىشلىتىش ئاسان: يۈزى ئاددىي ۋە چۈشۈنۈشلۈك بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر تېزلا ئۆگىنىۋالالايدۇ. يەنە ئۆزىگە خاس تېز كۇنۇپكىلارنى تەڭشەشكىمۇ بولىدۇ.
3. ئىشلىتىش ساھەلىرى
- شەخسىي ئىشلىتىش: كۈندىلىك PDF ئوقۇش، ئىزاھات يېزىش ۋە ھۆججەت ئايلاندۇرۇش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرىدۇ.
- ئوقۇش ۋە تەتقىقات: ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلەرنى باشقۇرۇشىغا، سقاننېرلانغان ماتېرىياللارنى تېكىستكە ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
- سودا-ئىشخانا: توختام، دوكلات ۋە جەدۋەللەرنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىر تەرەپ قىلىش، رەقەملىك ئىمزا قويۇشقا قولايلىق يارىتىدۇ.
4. نەشرى ۋە باھاسى
- ھەقسىز نەشرى (Free): ئادەتتىكى ئوقۇش، بەلگە سېلىش ۋە بېسىپ چىقىرىش ئىقتىدارلىرىنى تەمىنلەيدۇ، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە يېتەرلىك.
- كەسپىي نەشرى (Pro): ھەقسىز نەشرىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى دەرىجىلىك تەھرىرلەش، ئايلاندۇرۇش ۋە خەت تونۇش (OCR) ئىقتىدارلىرى بار. باھاسى ئىشلىتىش مۇددىتىگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ.
قىسقىسى، فوشىن PDF ئوقۇغۇچ بولسا PDF ھۆججەتلىرى بىلەن كۆپ ئىش قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن قولايلىق ۋە ئىشەنچلىك بىر ياردەمچى قورالدۇر.
بايانات: بۇ بېكەتتە سېتىلىدىغان تەرتىپ نومۇرى (Serial Number) Windows سىستېمىسى ياكى باشقا تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ئىجازەت نومۇرى ئەمەس، سېتىۋېلىش ھەققى پەقەت بىزنىڭ سىستېما بوغچىلاش (Packaging) خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىق ھەققىدۇر. تەرتىپ نومۇرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل (365 كۈن).
تور بەتتىكى مەزمۇنلار پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر، سودا مەقسىتىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى تەمىنلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە، 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان نەشر ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئەسلىي ئاپتورنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئوخشىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بېكەتتە سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما ھەمدە شەخسىي نۇسخا، كەسپىي نۇسخا، كارخانا نۇسخىسىدىكى سېستىمىلارنى ئېلان قىلىندى، ھەر بىر نۇسخىنىڭ سېتىۋېلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىچە:
1. سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئاساسلىقى بىر قېتىملا سىناپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا 30 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپ نومۇرى پەقەت بىر قېتىملىق قاچىلاشنىلا قوللايدۇ، قاچىلانغاندىن كېيىن كۈچتىن قالىدۇ، قايتا قاچىلاشتا يېڭىدىن سېتىۋېلىش كېرەك.
2. شەخسىي نۇسخىدىكى سىن تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، بىر قېتىمدا 100 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ تەرتىپ نومۇرى بىلەن، بۇ بېكەت ئېلان قىلغان 30 يۈرۈش سىستېمىسىنى ئوخشاش بىر كومپيۇتېردا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
3. كەسپىي نۇسخىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كومپىيۇتىرى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان بۇلۇپ، بىر قېتىمدا 150 يۈەن تۆلەپ، 3 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ 3 دانە تەرتىپ نومۇرىنى 3 دانە كومپيۇتېردا ئىشلىتىپ، بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى خالىغانچە قايتا-قايتا قاچىلىيالايدۇ.
4. كارخانا نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما:: مەخسۇس كارخانا دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بىر قېتىمدا200 يۈەن تۆلەپ، 5 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ 5 دانە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق، 5 دانە كومپيۇتېردا بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
