Adobe InDesign بولسا 1999-يىلى ئېلان قىلىنغان، كەسپىي مەتبەئەچىلىك ۋە بەت ياساش (Layout) يۇمشاق دېتالىدۇر. ئۇ ھازىر دۇنيادىكى كىتاب، ژۇرنال ۋە گېزىت لايىھىلەشتىكى ئەڭ ئۆلچەملىك قورال ھېسابلىنىدۇ.
1. ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى* بەت لايىھىلەش: بەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، گىرۋەك ئارىلىقى ۋە تور سىزىقلىرىنى ئەركىن تەڭشىگىلى بولىدۇ. «ئاساسىي بەت» (Master Page) ئىقتىدارى ئارقىلىق، بارلىق بەتلەرنىڭ ئۇسلۇبىنى (مەسىلەن بەت نومۇرى، بېشى) بىرلا قېتىمدا بىر تۇتاش بېكىتكىلى بولىدۇ.* تېكىست بىر تەرەپ قىلىش: خەت نۇسخىسى، چوڭلۇقى ۋە ئارىلىقىنى ناھايىتى ئىنچىكە تەڭشىگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە قاتارلىق كۆپ خىل تىللارنىڭ يېزىلىش قائىدىسىنى قوللايدۇ.
- سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش: سۈرەتلەرنى كىرگۈزۈش، چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەش ۋە سۈزۈكلۈك ئۈنۈمى بېرىشكە قولايلىق. Photoshop ۋە Illustrator ھۆججەتلىرىنى بىۋاسىتە كىرگۈزۈپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
- رەڭ باشقۇرۇش: باسما بۇيۇملىرى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان CMYK رەڭ سىستېمىسىنى مۇكەممەل قوللايدۇ، بۇ باسما جەريانىدا رەڭنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
- ھۆججەت چىقىرىش: تەييار بولغان لايىھەنى باسما زاۋۇتلىرى قوبۇل قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك PDF فورماتىدا ياكى ئېلېكترونلۇق كىتاب (EPUB) فورماتىدا چىقارغىلى بولىدۇ. «بولاقلاش» (Package) ئىقتىدارى ئارقىلىق بارلىق خەت نۇسخىسى ۋە سۈرەتلەرنى بىر يەرگە يىغىپ، باشقىلارغا كەم-كوتسىز ئۆتكۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ.
2. تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكى
- ئەۋرىشىم قۇرۇلما: باشقا قوشۇمچە پروگرامما (Plug-in) ۋە كودلار (Script) ئارقىلىق خىزمەتنى ئاپتوماتلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
- Adobe سىستېمىسى بىلەن بىرلىشىش: Adobe نىڭ باشقا يۇمشاق دېتاللىرى (PS, AI) بىلەن ناھايىتى قويۇق ماسلىشىپ ئىشلەيدۇ.
- كۆپ سۇپىلىق: Windows ۋە macOS سىستېمىلىرىنىڭ ئىككىلىسىدە مۇقىم ئىشلەيدۇ.
3. ئىشلىتىلىدىغان ئورۇنلار
- نەشرىياتچىلىق: كىتاب، ژۇرنال، گېزىت ۋە يىللىق دوكلاتلارنى لايىھىلەش.
- ئېلانچىلىق: پوچتا تېز يوللانما ۋاراقچىسى، تەشۋىقات رەسىملىرى، پوستېر ۋە ئوراپ قاچىلاش لايىھەلىرى.
- رەقەملىك تاراتقۇ: تېلېفون ۋە پىلانشېتلاردا ئوقۇغىلى بولىدىغان ئېلېكترونلۇق كىتاب ۋە ئۆزئارا تەسىرلىشىدىغان PDF ھۆججەتلىرىنى ياساش.
4. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ باھاسى
- ئارتۇقچىلىقى: ئىقتىدارى ئىنتايىن تولۇق، خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى، كەسپىي باسما تەلەپلىرىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن.
- يېتەرسىزلىكى: يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بىر ئاز قىيىنراق، مەشغۇلاتلىرى مۇرەككەپ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئايلىق ياكى يىللىق ھەق تۆلەپ ئىشلىتىش تەننەرخى بىر قەدەر يۇقىرى.
بايانات: بۇ بېكەتتە سېتىلىدىغان تەرتىپ نومۇرى (Serial Number) Windows سىستېمىسى ياكى باشقا تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ئىجازەت نومۇرى ئەمەس، سېتىۋېلىش ھەققى پەقەت بىزنىڭ سىستېما بوغچىلاش (Packaging) خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىق ھەققىدۇر. تەرتىپ نومۇرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل (365 كۈن).
تور بەتتىكى مەزمۇنلار پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر، سودا مەقسىتىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى تەمىنلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە، 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان نەشر ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئەسلىي ئاپتورنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئوخشىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بېكەتتە سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما ھەمدە شەخسىي نۇسخا، كەسپىي نۇسخا، كارخانا نۇسخىسىدىكى سېستىمىلارنى ئېلان قىلىندى، ھەر بىر نۇسخىنىڭ سېتىۋېلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىچە:
1. سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئاساسلىقى بىر قېتىملا سىناپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا 30 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپ نومۇرى پەقەت بىر قېتىملىق قاچىلاشنىلا قوللايدۇ، قاچىلانغاندىن كېيىن كۈچتىن قالىدۇ، قايتا قاچىلاشتا يېڭىدىن سېتىۋېلىش كېرەك.
2. شەخسىي نۇسخىدىكى سىن تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، بىر قېتىمدا 100 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ تەرتىپ نومۇرى بىلەن، بۇ بېكەت ئېلان قىلغان 30 يۈرۈش سىستېمىسىنى ئوخشاش بىر كومپيۇتېردا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
3. كەسپىي نۇسخىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كومپىيۇتىرى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان بۇلۇپ، بىر قېتىمدا 150 يۈەن تۆلەپ، 3 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ 3 دانە تەرتىپ نومۇرىنى 3 دانە كومپيۇتېردا ئىشلىتىپ، بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى خالىغانچە قايتا-قايتا قاچىلىيالايدۇ.
4. كارخانا نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما:: مەخسۇس كارخانا دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بىر قېتىمدا200 يۈەن تۆلەپ، 5 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ 5 دانە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق، 5 دانە كومپيۇتېردا بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
