داۋىنچى (DaVinci Resolve Studio) — كىنو، تېلېۋىزىيە ۋە ئېلان ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك، بىر گەۋدىلەشكەن سىن بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالىدۇر. ئۇ سىن كېسىش، رەڭ تەڭشەش، ئالاھىدە ئۈنۈم (VFX) ۋە ئاۋاز تەھرىرلەشنى بىرلا يۇمشاق دېتالدا ئورۇنلىيالايدۇ.
1. ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى
- سىن كېسىش (Editing): ناھايىتى مۇرەككەپ سىنلارنىمۇ تېز ۋە ئاسان كېسىشكە بولىدۇ. «ئەقلىي ئىقتىدارلىق قوراللار» ئارقىلىق كېسىش سۈرئىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. تۆۋەن سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلاردا سىننى قېتىلماسلاشتۇرۇپ ئىشلەش (Proxy) ئىقتىدارى بار.
- رەڭ تەڭشەش (Color Grading): بۇ داۋىنچىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەرىپى. ئۇ دۇنيادىكى كىنو ساھەسىدە رەڭ تەڭشەشتىكى بىرىنچى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. سۈنئىي ئىدراك (AI) ئارقىلىق ئادەمنىڭ تېرىسىنى پەرقلەندۈرۈش، رەڭلەرنى ئاپتوماتىك تەڭشەش ئىقتىدارلىرى بار.
- ئالاھىدە ئۈنۈم (Fusion VFX): كىنو تۈسىنى بېرىدىغان 3D ئۈنۈملەر، يېشىل پەردىنى ئۆچۈرۈش (Chroma Key) ۋە ھەر خىل ھەرىكەتچان گرافىكلارنى ئىشلىگىلى بولىدۇ.
- ئاۋاز تەھرىرلەشنى (Fairlight): مەخسۇس ئاۋاز تەھرىرلەش بۆلىكى بولۇپ، شاۋقۇننى يوقىتىش، كىنو ئاۋازى چىقىرىش ۋە ئاۋازنى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭشەشكە بولىدۇ.
- كۆپ كىشىلىك ھەمكارلىق: بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە ئادەم (مەسىلەن، بىرى كېسىپ، يەنە بىرى رەڭ تەڭشەپ) بىر تۈر ئۈستىدە تەڭ ئىشلىيەلەيدۇ.
1. 2. تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى
- تېز سۈرئەت: كومپيۇتېرنىڭ گرافىك كارتىسىدىن (GPU) تولۇق پايدىلىنىپ، سىننى ناھايىتى تېز چىقىرىپ بېرىدۇ.
- ماسلىشىشچانلىقى: ھەممە خىل سىن فورماتلىرىنى (H.264, H.265, ProRes دېگەندەك) قوللايدۇ.
- ھەممە سىستېمىدا ئىشلەيدۇ: Windows، Mac ۋە Linux سىستېمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
3. نەشرىنى تاللاش
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى بار:
- ھەقسىز نۇسخىسى (Free Version): ئادەتتىكى كىشىلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە قىسقا سىن ئىشلىگۈچىلەرگە يېتىپ ئاشىدۇ. سۇ بەلگىسى (Watermark) يوق، كۆپ قىسىم ئىقتىدارلىرى ئوچۇق.
- Studio نۇسخىسى (ھەقلىق): كەسپىي كىنو ستودىيەلىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بۇنىڭدا سۈنئىي ئىدراك (AI) ئىقتىدارلىرى، كۈچلۈك شاۋقۇن يوقىتىش ۋە ئالاھىدە 3D قوراللىرى تېخىمۇ مۇكەممەل.
قىسقىچە خۇلاسە: ئەگەر سىز سۈپەتلىك سىن ئىشلەيمەن، بولۇپمۇ رەڭنى چىرايلىق قىلىمەن دەيدىغان بولسىڭىز، داۋىنچى (DaVinci Resolve) ئەڭ ياخشى تاللاش.
بايانات: بۇ بېكەتتە سېتىلىدىغان تەرتىپ نومۇرى (Serial Number) Windows سىستېمىسى ياكى باشقا تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ئىجازەت نومۇرى ئەمەس، سېتىۋېلىش ھەققى پەقەت بىزنىڭ سىستېما بوغچىلاش (Packaging) خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىق ھەققىدۇر. تەرتىپ نومۇرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل (365 كۈن).
تور بەتتىكى مەزمۇنلار پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر، سودا مەقسىتىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى تەمىنلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە، 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان نەشر ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئەسلىي ئاپتورنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئوخشىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بېكەتتە سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما ھەمدە شەخسىي نۇسخا، كەسپىي نۇسخا، كارخانا نۇسخىسىدىكى سېستىمىلارنى ئېلان قىلىندى، ھەر بىر نۇسخىنىڭ سېتىۋېلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىچە:
1. سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئاساسلىقى بىر قېتىملا سىناپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا 30 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپ نومۇرى پەقەت بىر قېتىملىق قاچىلاشنىلا قوللايدۇ، قاچىلانغاندىن كېيىن كۈچتىن قالىدۇ، قايتا قاچىلاشتا يېڭىدىن سېتىۋېلىش كېرەك.
2. شەخسىي نۇسخىدىكى سىن تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، بىر قېتىمدا 100 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ تەرتىپ نومۇرى بىلەن، بۇ بېكەت ئېلان قىلغان 30 يۈرۈش سىستېمىسىنى ئوخشاش بىر كومپيۇتېردا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
3. كەسپىي نۇسخىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كومپىيۇتىرى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان بۇلۇپ، بىر قېتىمدا 150 يۈەن تۆلەپ، 3 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ 3 دانە تەرتىپ نومۇرىنى 3 دانە كومپيۇتېردا ئىشلىتىپ، بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى خالىغانچە قايتا-قايتا قاچىلىيالايدۇ.
4. كارخانا نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما:: مەخسۇس كارخانا دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بىر قېتىمدا200 يۈەن تۆلەپ، 5 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ 5 دانە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق، 5 دانە كومپيۇتېردا بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
