1. WinRAR

تارىخى:
WinRAR يۇمشاق دېتالىنى يۇگېن روشال (Eugene Roshal) ئىجاد قىلغان بولۇپ، 1995-يىلى بازارغا سېلىنغان. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئومۇملاشقان ۋە مۇقىم ئىشلەيدىغان قىسىش قوراللىرىنىڭ بىرىدۇر. Windows، Linux ۋە macOS قاتارلىق كۆپ خىل سىستېمىلاردا ئىشلەيدۇ.

ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:

  • قىسىش ۋە يېشىش: RAR ۋە ZIP قاتارلىق فورماتلارنى قوللايدۇ. بولۇپمۇ رەسىم ۋە ئۈن ھۆججەتلىرىنى سۈپىتىنى چۈشۈرمەي ئۈنۈملۈك قىسىدۇ.
  • پارچىلاش ۋە مەخپىيلەشتۈرۈش: چوڭ ھۆججەتلەرنى كىچىك پارچىلارغا بۆلۈپ قىسىشقا بولىدۇ. AES-256 تېخنىكىسى بىلەن ھۆججەتكە مەخپىي نومۇر قويۇپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
  • رېمونت قىلىش: بۇزۇلۇپ كەتكەن قىسىلغان ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بار.
  • قولايلىق: چاشقىنەكنىڭ ئوڭ كۇنۇپكا تىزىملىكىگە سىڭىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەشغۇلات قىلىش ئىنتايىن ئاسان.

ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى:

  • ئارتۇقچىلىقى: ئىقتىدارى تولۇق، مۇقىم، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ.
  • كەمچىلىكى: رەسمىي نۇسخىسى ھەقلىق، ھەقسىز نۇسخىسىدا ئېلان چىقىپ تۇرىدۇ. كۆرۈنمە يۈزى سەل كونا ئۇسلۇبتا.

ماس كېلىدىغان كىشىلەر: ئىشخانا خىزمەتچىلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئادەتتىكى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر.


2. Bandizip

تارىخى:
Bandizip كورىيەنىڭ Bandisoft شىركىتى تەرىپىدىن 2011-يىلى چىقىرىلغان. ئۇ تېزلىكى ۋە يەڭگىللىكى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپلىگەن مەستانىلەرگە ئېرىشتى.

ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:

  • كۆپ خىل فورمات: ZIP، 7Z قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق فورماتتا قىسالايدۇ، 40 تىن ئارتۇق فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى ئاچالايدۇ.
  • يۇقىرى سۈرئەت: كۆپ يادرولۇق تېخنىكىنى ئىشلىتىپ، قىسىش سۈرئىتىنى 6 ھەسسىگىچە تېزلىتىدۇ.
  • ئالدىن كۆرۈش: ھۆججەتنى يەشمەيلا ئىچىدىكى رەسىم ۋە ھۆججەتلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.
  • بىخەتەرلىك: ھۆججەتنى يېشىشتىن بۇرۇن ۋىرۇس بار-يوقلۇقىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرىدۇ.

ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى:

  • ئارتۇقچىلىقى: كۆرۈنمە يۈزى ئىنتايىن چىرايلىق ۋە زامانىۋى، سۈرئىتى ئىنتايىن تېز.
  • كەمچىلىكى: ھەقسىز نۇسخىسىدا ئېلان بار، پروفېسسىيونال نۇسخىسىنىڭ باھاسى سەل قىممەت.

ماس كېلىدىغان كىشىلەر: پىروگراممېرلار، لايىھەلىگۈچىلەر ۋە چوڭ ھۆججەتلەر بىلەن كۆپ ئىشلەيدىغان كەسپىي خادىملار.


3. 7-Zip

تارىخى:
7-Zip رۇسىيەلىك پىروگراممېر ئىگور پاۋلوۋ (Igor Pavlov) تەرىپىدىن 2000-يىلى چىقىرىلغان. ئۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە كودى ئوچۇق يۇمشاق دېتال ھېسابلىنىدۇ.

ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:
*
يۇقىرى قىسىش نىسبىتى: ئۆزىنىڭ 7z فورماتى ئارقىلىق ھۆججەتلەرنى ئادەتتىكى ZIP فورماتىدىن %30-%50 كىچە كىچىكرەك قىسالايدۇ.

  • ھەقسىزلىك: ھېچقانداق ھەق تۆلىمەي، چەكلىمىسىز ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
  • يەڭگىللىك: قاچىلاش بولىقى ئىنتايىن كىچىك (1-3MB ئەتراپىدا) بولۇپ، كومپيۇتېر بايلىقىنى ئىنتايىن ئاز ئىگىلەيدۇ.
  • كۆپ تىللىق: ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 87 خىل تىلنى قوللايدۇ.

ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى:

  • ئارتۇقچىلىقى: پۈتۈنلەي ھەقسىز، ئېلان يوق، قىسىش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى.
  • كەمچىلىكى: كۆرۈنمە يۈزى بەك ئاددىي (كونا تۇيغۇ بېرىدۇ)، مەشغۇلاتى WinRAR غا ئوخشاش ئۇنچە قولايلىق ئەمەس.

ماس كېلىدىغان كىشىلەر: ھەقسىز يۇمشاق دېتال ئىشلىتىشنى خالايدىغانلار، كومپيۇتېر سەپلىمىسى تۆۋەنرەك ئىشلەتكۈچىلەر ۋە پىروگراممېرلار.

بايانات: بۇ بېكەتتە سېتىلىدىغان تەرتىپ نومۇرى (Serial Number) Windows سىستېمىسى ياكى باشقا تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ئىجازەت نومۇرى ئەمەس، سېتىۋېلىش ھەققى پەقەت بىزنىڭ سىستېما بوغچىلاش (Packaging) خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىق ھەققىدۇر. تەرتىپ نومۇرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل (365 كۈن). تور بەتتىكى مەزمۇنلار پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر، سودا مەقسىتىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى تەمىنلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە، 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان نەشر ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئەسلىي ئاپتورنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بېكەتتە سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما ھەمدە شەخسىي نۇسخا، كەسپىي نۇسخا، كارخانا نۇسخىسىدىكى سېستىمىلارنى ئېلان قىلىندى، ھەر بىر نۇسخىنىڭ سېتىۋېلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىچە: 1. سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئاساسلىقى بىر قېتىملا سىناپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا 30 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپ نومۇرى پەقەت بىر قېتىملىق قاچىلاشنىلا قوللايدۇ، قاچىلانغاندىن كېيىن كۈچتىن قالىدۇ، قايتا قاچىلاشتا يېڭىدىن سېتىۋېلىش كېرەك. 2. شەخسىي نۇسخىدىكى سىن تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، بىر قېتىمدا 100 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ تەرتىپ نومۇرى بىلەن، بۇ بېكەت ئېلان قىلغان 30 يۈرۈش سىستېمىسىنى ئوخشاش بىر كومپيۇتېردا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ. 3. كەسپىي نۇسخىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كومپىيۇتىرى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان بۇلۇپ، بىر قېتىمدا 150 يۈەن تۆلەپ، 3 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ 3 دانە تەرتىپ نومۇرىنى 3 دانە كومپيۇتېردا ئىشلىتىپ، بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى خالىغانچە قايتا-قايتا قاچىلىيالايدۇ. 4. كارخانا نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما:: مەخسۇس كارخانا دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بىر قېتىمدا200 يۈەن تۆلەپ، 5 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ 5 دانە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق، 5 دانە كومپيۇتېردا بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.