بىرىنچى، نەشرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى

1. تۇراقلىقلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقى:

Windows 10 21H1 نۇسخىسى2021-يىلى تارقىتىلغان چوڭ تىپتىكى يېڭىلىنىشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسلىقى كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ قولايلىقلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇشنى نىشانلىغان.
بۇ نەشرى قاتتىق دېتاللار بىلەن ئىنتايىن ياخشى ماسلىشىدۇ. ئىلگىرىكى 2004 ياكى 20H2 نۇسخىلىرىنى ئىشلىتەلىگەن ھەر قانداق كومپيۇتېردا بۇ نەشرىنى قوزغاتقۇچ (driver) مەسىلىسىدىن ئەنسىرىمەي نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

2. ئىقتىدار جەھەتتىكى ياخشىلىنىشلار:
Windows Hello كۆپ كامېرا قوللاش: ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزدا ئۆزىنىڭ كامېراسىدىن سىرت يەنە بىر سىرتقى كامېرا بولسا، سىستېما سىرتقى كامېرانى ئاپتوماتىك ھالدا چىراي تونۇش (Windows Hello) ئۈچۈن ئاساسلىق كامېرا قىلىپ بەلگىلەيدۇ.
ھۆججەتلەرنى تېز ۋە بىخەتەر ئېچىش:  Microsoft Defender نىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، Word، PowerPoint ۋە Excel ھۆججەتلىرىنى تېز ئېچىش بىلەن بىرگە، ئۇلاردىكى يوشۇرۇن خەتەرلەرنى تەكشۈرۈپ شىركەت تورىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ.
يېڭى Edge تور كۆرگۈچ: كونا Edge تور كۆرگۈچ پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا Chromium يادرولۇق يېڭى Edge ئاپتوماتىك قاچىلىنىدۇ. كونىدىكى ئۇچۇرلار ئاپتوماتىك يېڭىسىغا كۆچىدۇ.
Adobe Flash Player نى چىقىرىۋېتىش:  سىستېمىدىكى Flash Player پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلگەن، بۇ سىستېمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
WMI باشقۇرۇش ماتورى:  يىراقتىن ئىشلەش سېنارىيەلىرى ئۈچۈن سىستېما باشقۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ تېزلىتىلگەن.

3. ئىشلىتىش تەجرىبىسى:
سىستېما يۈزى ۋە مەشغۇلات ئۇسۇلى ئاددىي ھەم قولاي بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېڭىدىن ئۆگىنىشى ھاجەتسىز.
كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن قولايلىقلار يارىتىلغان بولۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

ئىككىنچى، كىملەرگە ماس كېلىدۇ؟

كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى:  بىخەتەرلىك ۋە قولايلىقلىق جەھەتتە ئالاھىدە ياخشىلانغانلىقى ئۈچۈن شىركەت-كارخانىلارغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. BitLocker شىفىرلاش ۋە كارخانا دۇكىنى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى تولۇق قوللايدۇ.
كەسپىي پروگرامما ئاچقۇچىلار:  كەسپىي نۇسخا (Pro) بولغانلىقى ئۈچۈن Hyper-V مەۋھۇم ماشىنىسى ۋە WSL (Linux قوشۇمچە سىستېمىسى) قاتارلىق كەسپىي قوراللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تۇراقلىقلىقنى خالايدىغانلار: بۇ نەشرى نۇرغۇن قېتىم سىناقتىن ئۆتۈپ، خاتالىقلىرى تۈزىتىلگەن بولغاچقا، كومپيۇتېرىنىڭ قېتىپ قالماي تۇراقلىق ئىشلىشىنى خالايدىغانلارغا بەك ماس كېلىدۇ.

ئۈچىنچى، مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر

ISO تەسۋىرىنى چۈشۈرۈش:  مىكروسوفت رەسمىي تورى ۋە MSDN تور بېكەتلىرىدىن ئەسلى ISO نۇسخىسىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ. ئېھتىياجغا قاراپ ئادەتتىكى نۇسخا (Consumer) ياكى كارخانا نۇسخىسىنى (Business) تاللاشقا بولىدۇ.
يېڭىلىنىش خاتىرىسى:  مىكروسوفت ھەر بىر نەشرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنى تور بېكىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
تېخنىكىلىق قوللاش:  ئىشلىتىش جەريانىدا مەسىلە كۆرۈلسە، مىكروسوفتنىڭ رەسمىي ياردەم بېتىدىن ياكى باشقا تېخنىكا مۇنبەرلىرىدىن چارە ئىزدەشكە بولىدۇ.

بايانات: بۇ بېكەتتە سېتىلىدىغان تەرتىپ نومۇرى (Serial Number) Windows سىستېمىسى ياكى باشقا تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ئىجازەت نومۇرى ئەمەس، سېتىۋېلىش ھەققى پەقەت بىزنىڭ سىستېما بوغچىلاش (Packaging) خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىق ھەققىدۇر. تەرتىپ نومۇرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل (365 كۈن). تور بەتتىكى مەزمۇنلار پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر، سودا مەقسىتىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى تەمىنلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە، 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان نەشر ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئەسلىي ئاپتورنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بېكەتتە سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما ھەمدە شەخسىي نۇسخا، كەسپىي نۇسخا، كارخانا نۇسخىسىدىكى سېستىمىلارنى ئېلان قىلىندى، ھەر بىر نۇسخىنىڭ سېتىۋېلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىچە: 1. سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئاساسلىقى بىر قېتىملا سىناپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا 30 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپ نومۇرى پەقەت بىر قېتىملىق قاچىلاشنىلا قوللايدۇ، قاچىلانغاندىن كېيىن كۈچتىن قالىدۇ، قايتا قاچىلاشتا يېڭىدىن سېتىۋېلىش كېرەك. 2. شەخسىي نۇسخىدىكى سىن تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، بىر قېتىمدا 100 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ تەرتىپ نومۇرى بىلەن، بۇ بېكەت ئېلان قىلغان 30 يۈرۈش سىستېمىسىنى ئوخشاش بىر كومپيۇتېردا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ. 3. كەسپىي نۇسخىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كومپىيۇتىرى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان بۇلۇپ، بىر قېتىمدا 150 يۈەن تۆلەپ، 3 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ 3 دانە تەرتىپ نومۇرىنى 3 دانە كومپيۇتېردا ئىشلىتىپ، بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى خالىغانچە قايتا-قايتا قاچىلىيالايدۇ. 4. كارخانا نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما:: مەخسۇس كارخانا دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بىر قېتىمدا200 يۈەن تۆلەپ، 5 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ 5 دانە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق، 5 دانە كومپيۇتېردا بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.