1. WinRAR
تارىخى:
WinRAR يۇمشاق دېتالىنى يۇگېن روشال (Eugene Roshal) ئىجاد قىلغان بولۇپ، 1995-يىلى بازارغا سېلىنغان. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئومۇملاشقان ۋە مۇقىم ئىشلەيدىغان قىسىش قوراللىرىنىڭ بىرىدۇر. Windows، Linux ۋە macOS قاتارلىق كۆپ خىل سىستېمىلاردا ئىشلەيدۇ.
ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:
- قىسىش ۋە يېشىش: RAR ۋە ZIP قاتارلىق فورماتلارنى قوللايدۇ. بولۇپمۇ رەسىم ۋە ئۈن ھۆججەتلىرىنى سۈپىتىنى چۈشۈرمەي ئۈنۈملۈك قىسىدۇ.
- پارچىلاش ۋە مەخپىيلەشتۈرۈش: چوڭ ھۆججەتلەرنى كىچىك پارچىلارغا بۆلۈپ قىسىشقا بولىدۇ. AES-256 تېخنىكىسى بىلەن ھۆججەتكە مەخپىي نومۇر قويۇپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
- رېمونت قىلىش: بۇزۇلۇپ كەتكەن قىسىلغان ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بار.
- قولايلىق: چاشقىنەكنىڭ ئوڭ كۇنۇپكا تىزىملىكىگە سىڭىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەشغۇلات قىلىش ئىنتايىن ئاسان.
ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى:
- ئارتۇقچىلىقى: ئىقتىدارى تولۇق، مۇقىم، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ.
- كەمچىلىكى: رەسمىي نۇسخىسى ھەقلىق، ھەقسىز نۇسخىسىدا ئېلان چىقىپ تۇرىدۇ. كۆرۈنمە يۈزى سەل كونا ئۇسلۇبتا.
ماس كېلىدىغان كىشىلەر: ئىشخانا خىزمەتچىلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئادەتتىكى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر.
2. Bandizip
تارىخى:
Bandizip كورىيەنىڭ Bandisoft شىركىتى تەرىپىدىن 2011-يىلى چىقىرىلغان. ئۇ تېزلىكى ۋە يەڭگىللىكى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپلىگەن مەستانىلەرگە ئېرىشتى.
ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:
- كۆپ خىل فورمات: ZIP، 7Z قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق فورماتتا قىسالايدۇ، 40 تىن ئارتۇق فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى ئاچالايدۇ.
- يۇقىرى سۈرئەت: كۆپ يادرولۇق تېخنىكىنى ئىشلىتىپ، قىسىش سۈرئىتىنى 6 ھەسسىگىچە تېزلىتىدۇ.
- ئالدىن كۆرۈش: ھۆججەتنى يەشمەيلا ئىچىدىكى رەسىم ۋە ھۆججەتلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.
- بىخەتەرلىك: ھۆججەتنى يېشىشتىن بۇرۇن ۋىرۇس بار-يوقلۇقىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرىدۇ.
ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى:
- ئارتۇقچىلىقى: كۆرۈنمە يۈزى ئىنتايىن چىرايلىق ۋە زامانىۋى، سۈرئىتى ئىنتايىن تېز.
- كەمچىلىكى: ھەقسىز نۇسخىسىدا ئېلان بار، پروفېسسىيونال نۇسخىسىنىڭ باھاسى سەل قىممەت.
ماس كېلىدىغان كىشىلەر: پىروگراممېرلار، لايىھەلىگۈچىلەر ۋە چوڭ ھۆججەتلەر بىلەن كۆپ ئىشلەيدىغان كەسپىي خادىملار.
3. 7-Zip
تارىخى:
7-Zip رۇسىيەلىك پىروگراممېر ئىگور پاۋلوۋ (Igor Pavlov) تەرىپىدىن 2000-يىلى چىقىرىلغان. ئۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز ۋە كودى ئوچۇق يۇمشاق دېتال ھېسابلىنىدۇ.
ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى:
*يۇقىرى قىسىش نىسبىتى: ئۆزىنىڭ 7z فورماتى ئارقىلىق ھۆججەتلەرنى ئادەتتىكى ZIP فورماتىدىن %30-%50 كىچە كىچىكرەك قىسالايدۇ.
- ھەقسىزلىك: ھېچقانداق ھەق تۆلىمەي، چەكلىمىسىز ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
- يەڭگىللىك: قاچىلاش بولىقى ئىنتايىن كىچىك (1-3MB ئەتراپىدا) بولۇپ، كومپيۇتېر بايلىقىنى ئىنتايىن ئاز ئىگىلەيدۇ.
- كۆپ تىللىق: ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 87 خىل تىلنى قوللايدۇ.
ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى:
- ئارتۇقچىلىقى: پۈتۈنلەي ھەقسىز، ئېلان يوق، قىسىش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى.
- كەمچىلىكى: كۆرۈنمە يۈزى بەك ئاددىي (كونا تۇيغۇ بېرىدۇ)، مەشغۇلاتى WinRAR غا ئوخشاش ئۇنچە قولايلىق ئەمەس.
ماس كېلىدىغان كىشىلەر: ھەقسىز يۇمشاق دېتال ئىشلىتىشنى خالايدىغانلار، كومپيۇتېر سەپلىمىسى تۆۋەنرەك ئىشلەتكۈچىلەر ۋە پىروگراممېرلار.
