Adobe Media Encoder بولسا ئاۋاز ۋە سىن ھۆججەتلىرىنى كەسپىي ئۇسۇلدا كودلاشتۇرۇش (فورماتىنى ئۆزگەرتىش) ۋە تۈركۈملەپ چىقىرىش يۇمشاق دېتالىدۇر. ئۇ Adobe شىركىتىنىڭ Premiere Pro، After Effects قاتارلىق پروگراممىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەپ، سىن ئىشلەش جەريانىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ.
بىرىنچى، ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى
- تۈركۈملەپ بىر تەرەپ قىلىش: نۇرغۇن سىنلارنى بىرلا ۋاقىتتا سۆرەپ كىرىپ، TikTok قاتارلىق سۇپىلارغا ماس كېلىدىغان MP4، AVI قاتارلىق فورماتلارغا ئاپتوماتىك ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇ خىزمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەييار تەڭشەكلەر: تور بېكەت، قول تېلېفون، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېۋىزورلارغا ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشى پارامېتىرلار ئالدىن تەيارلانغان. قولدا تەڭشەپ ئولتۇرمايلا، سىننى ئەڭ ماس كېلىدىغان فورماتتا چىقارغىلى بولىدۇ.
- ھەرىكەتچان باغلىنىش (Dynamic Link): Premiere Pro ياكى After Effects تىكى تۈرلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلسە، Media Encoder دىكى كودلاشتۇرۇش تىزىملىكىمۇ ئۆزلىكىدىن يېڭىلىنىدۇ. قايتا-قايتا مەشغۇلات قىلىش ھاجەتسىز.
- كۆزىتىش قىسقۇچى: كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەلۇم بىر قىسقۇچنى «كۆزىتىش قىسقۇچى» قىلىپ بېكىتىپ قويسىڭىز، شۇ قىسقۇچقا يېڭى سىن چۈشسىلا، يۇمشاق دېتال ئۇنى ئاپتوماتىك ھالدا بېكىتىلگەن فورماتقا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ.
5.تەسۋىر سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش: سىن ھۆججىتىنىڭ چوڭلۇقىنى كىچىكلىتىش بىلەن بىرگە، تەسۋىرنىڭ ئېنىقلىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ساقلاپ قالىدۇ. - ئۆزگىچە تەڭشەش: ئېھتىياجغا قاراپ سىننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى، كادىر چاستوتىسى (frame rate) ۋە ئاۋاز سۈپىتى قاتارلىقلارنى ئەركىن تەڭشىگىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، قوللىنىش ساھەلىرى
- قىسقا سىن ئىشلەش: قىسقا سىن ئىجادكارلىرىنىڭ سىنلارنى تۈركۈملەپ چىقىرىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
- كىنو-تېلېۋىزىيە پىششىقلاپ ئىشلەش: ئۇزۇن فىلىملەرنى يۇقىرى سۈپەتتە ۋە تېز سۈرئەتتە فورماتقا ئايلاندۇرىدۇ.
- تور دەرسلىكلىرى ۋە ئېلانلار: دەرسلىك ۋە ئېلانلارنى ھەر خىل ئۈسكۈنىلەردە قويۇشقا ماسلاشتۇرىدۇ.
- كىنوچىلىق: كىنو ئىشلەش جەريانىدىكى ھەر خىل باسقۇچلاردا سىن ماتېرىياللىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئۈچىنچى، ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكى
- يۇقىرى ئۈنۈم: تۈركۈملەپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋاقىت ۋە كۈچنى تېجەيدۇ.
- ئەۋرىشىملىك: بىرلا سىن ھۆججىتىنى بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە خىل ئوخشىمىغان فورماتتا چىقارغىلى بولىدۇ.
- ماسلىشىشچانلىق: H.264، HEVC قاتارلىق بارلىق ئاساسىي ئېقىمدىكى فورماتلارنى قوللايدۇ. مەيلى قول تېلېفون ياكى كىنوخانا ئېكرانى بولسۇن، ھەممىسىگە ماس كېلىدۇ.
- بىر گەۋدىلىشىش: باشقا Adobe يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن يوچۇقسىز تۇتىشىدۇ، بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرىدۇ.
بايانات: بۇ بېكەتتە سېتىلىدىغان تەرتىپ نومۇرى (Serial Number) Windows سىستېمىسى ياكى باشقا تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ئىجازەت نومۇرى ئەمەس، سېتىۋېلىش ھەققى پەقەت بىزنىڭ سىستېما بوغچىلاش (Packaging) خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىق ھەققىدۇر. تەرتىپ نومۇرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل (365 كۈن).
تور بەتتىكى مەزمۇنلار پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر، سودا مەقسىتىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى تەمىنلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە، 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان نەشر ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئەسلىي ئاپتورنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئوخشىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بېكەتتە سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما ھەمدە شەخسىي نۇسخا، كەسپىي نۇسخا، كارخانا نۇسخىسىدىكى سېستىمىلارنى ئېلان قىلىندى، ھەر بىر نۇسخىنىڭ سېتىۋېلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىچە:
1. سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئاساسلىقى بىر قېتىملا سىناپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا 30 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپ نومۇرى پەقەت بىر قېتىملىق قاچىلاشنىلا قوللايدۇ، قاچىلانغاندىن كېيىن كۈچتىن قالىدۇ، قايتا قاچىلاشتا يېڭىدىن سېتىۋېلىش كېرەك.
2. شەخسىي نۇسخىدىكى سىن تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، بىر قېتىمدا 100 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ تەرتىپ نومۇرى بىلەن، بۇ بېكەت ئېلان قىلغان 30 يۈرۈش سىستېمىسىنى ئوخشاش بىر كومپيۇتېردا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
3. كەسپىي نۇسخىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كومپىيۇتىرى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان بۇلۇپ، بىر قېتىمدا 150 يۈەن تۆلەپ، 3 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ 3 دانە تەرتىپ نومۇرىنى 3 دانە كومپيۇتېردا ئىشلىتىپ، بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى خالىغانچە قايتا-قايتا قاچىلىيالايدۇ.
4. كارخانا نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما:: مەخسۇس كارخانا دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بىر قېتىمدا200 يۈەن تۆلەپ، 5 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ 5 دانە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق، 5 دانە كومپيۇتېردا بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
