1.قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
- نەشرىنىڭ نامى: Windows 11 23H2 22631.6060 X64
- ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2025-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى (2025-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى KB5066793 ياماق بوغچىسى ئاساسىدا، ئىچكى نومۇرى 22631.6060 غا كۆتۈرۈلگەن).
- ماس كېلىدىغان ئوبيېكتلار: Windows 11 23H2 نىڭ بارلىق نەشرىنى (ئائىلە، كەسپىي، كارخانا ۋە مائارىپ نەشرى قاتارلىق) ئىشلىتىۋاتقان ئىشلەتكۈچىلەر.
2. ئاساسلىق يېڭىلىنىش مەزمۇنلىرى
1) بىخەتەرلىك يېڭىلانمىسى:
- سىستېمىدىكى بىر قىسىم بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى ئېتىلىپ، سىستېمىنىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىكى كۈچەيتىلدى.
- مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى (SSU) يېڭىلىنىپ، ياماقلارنىڭ مۇقىم قاچىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.
2) ئىقتىدار جەھەتتىكى ياخشىلىنىشلار:
- ۋەزىپە ستونى (Taskbar): «ھەرگىز بىر تەرەپكە يىغىۋالماسلىق» (Never Combine) ھالىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئەمدى ھەر بىر دېرىزىنى ۋەزىپە ستونىدا ئايرىم كۆرگىلى بولىدۇ.
- ھۆججەت باشقۇرغۇچ: يېڭىچە لايىھە (Modern Design) قوللىنىلدى؛ ئادرېس ستونى ۋە ئىزدەش ستونى يېڭىلاندى. شۇنداقلا .rar، .7z، .tar قاتارلىق پرېسلانغان ھۆججەتلەرنى بىۋاسىتە ئېچىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلدى.
- خاتىرە دەپتىرى (Notepad): كۆپ بەتلىك (Multi-tab) ئىقتىدارى قوشۇلدى، بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە تېكىستنى ئايرىم بەتلەردە بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.
- كۆرۈنۈش ئۈنۈمى: Fluent Design ئېلېمېنتلىرى كۈچەيتىلىپ، كۆرۈنمە يۈزى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىندى.
- سېزىمچان كونترول: ئېكراننى قول بىلەن سىلاش (Touch) مەشغۇلاتى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلدى.
3) ماسلىشىشچانلىق:
ltmdm64.sysدەپ ئاتىلىدىغان قوزغاتقۇچ (Driver) چىقىرىپ تاشلاندى. بۇ بەلكىم كونا تىپتىكى فاكىس (Fax) ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلىمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەمما سىستېمىنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرىدۇ.
3. سىستېما ئالاھىدىلىكى
- يېڭىچە لايىھە: چىرايلىق ۋە ئاددىي كۆرۈنمە يۈزى.
- يۇقىرى بىخەتەرلىك: ۋىرۇس ۋە زىيانلىق يۇمشاق دېتاللاردىن ساقلىنىش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەنگەن.
- ئەقلىي ياردەمچى: Cortana قاتارلىق ياردەمچىلەر بىلەن خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
- ئويۇن تەجرىبىسى: DirectX 12 Ultimate نى قوللايدۇ، ئويۇنلار تېخىمۇ سۈزۈك ۋە راۋان بولىدۇ.
- كۆپ ۋەزىپە بىر تەرەپ قىلىش: دېرىزە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ياخشىلاندى.
- ئۈنۈمدارلىق: ھەرخىل قاتتىق دېتاللاردا تېز ۋە راۋان يۈرۈشى ئۈچۈن ئەلالاشتۇرۇلدى.
- ئۆزگىچە تەڭشەكلەر: ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا قاراپ ئۈستەل يۈزى ۋە تېمىلارنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.
4. چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش كۆرسەتمىسى
- چۈشۈرۈش: مىكروسوفتنىڭ رەسمىي تور بېتىدىن ياكى ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن چۈشۈرۈڭ.
- قاچىلاش دېسكىسى ياساش: Rufus قاتارلىق قوراللار ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن ISO ھۆججىتىنى U دېسكىغا بېسىپ، قوزغىتىش دېسكىسى (Bootable USB) ياساڭ.
- قاچىلاش باسقۇچلىرى:
-
- U دېسكىنى چېقىپ كومپيۇتېرنى قوزغىتىڭ، BIOS تەڭشىكىدىن U دېسكىنى بىرىنچى قوزغىتىش ئورنىغا قويۇڭ.
- تەڭشەكنى ساقلاپ قوزغاتقاندىن كېيىن، كۆرسەتمە بويىچە قاچىلايدىغان ئورۇننى تاللاپ قاچىلاشنى باشلاڭ.
5. كۆپ كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى
- «بۇ كومپيۇتېردا Windows 11 نى يۈرۈشتۈرگىلى بولمايدۇ» دەپ چىقىۋالسا:
-
- سەۋەبى: قاتتىق دېتال تەلەپكە ئۇيغۇن ئەمەس (ئاساسلىقى TPM 2.0 ئېچىلمىغان).
- چارىسى: BIOS تەڭشىكىدىن TPM نى ئېچىڭ. ئەگەر قاتتىق دېتال زادىلا قوللىمىسا، Rufus ئارقىلىق بۇ چەكلىمىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ قاچىلاڭ.
- قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن سىستېما ئاستا بولۇپ قالسا:
-
- سەۋەبى: قوزغاتقۇچلار (Driver) تولۇق قاچىلانمىغان ياكى سىستېما ئەلالاشتۇرۇلمىغان.
- چارىسى: سىن كارتىسى، ئاۋاز كارتىسى قاتارلىقلارنىڭ قوزغاتقۇچلىرىنى يېڭىلاڭ؛ ئېھتىياجى يوق قوزغىلىش تۈرلىرىنى تاقىۋېتىڭ.
- سىستېمىنى ئاكتىپلىغىلى بولمىسا:
-
- چارىسى: رەسمىي ئاكتىپلاش نومۇرىنى ئىشلىتىڭ. ئەگەر ئىلگىرىمۇ Windows 11 ئىشلەتكەن بولسىڭىز، ئىلگىرىكى مىكروسوفت ھېساباتىڭىزغا كىرسىڭىز ئاپتوماتىك ئاكتىپلىنىدۇ.
بايانات: بۇ بېكەتتە سېتىلىدىغان تەرتىپ نومۇرى (Serial Number) Windows سىستېمىسى ياكى باشقا تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ئىجازەت نومۇرى ئەمەس، سېتىۋېلىش ھەققى پەقەت بىزنىڭ سىستېما بوغچىلاش (Packaging) خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىق ھەققىدۇر. تەرتىپ نومۇرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل (365 كۈن).
تور بەتتىكى مەزمۇنلار پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر، سودا مەقسىتىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى تەمىنلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە، 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان نەشر ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئەسلىي ئاپتورنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئوخشىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بېكەتتە سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما ھەمدە شەخسىي نۇسخا، كەسپىي نۇسخا، كارخانا نۇسخىسىدىكى سېستىمىلارنى ئېلان قىلىندى، ھەر بىر نۇسخىنىڭ سېتىۋېلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىچە:
1. سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئاساسلىقى بىر قېتىملا سىناپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا 30 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپ نومۇرى پەقەت بىر قېتىملىق قاچىلاشنىلا قوللايدۇ، قاچىلانغاندىن كېيىن كۈچتىن قالىدۇ، قايتا قاچىلاشتا يېڭىدىن سېتىۋېلىش كېرەك.
2. شەخسىي نۇسخىدىكى سىن تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، بىر قېتىمدا 100 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ تەرتىپ نومۇرى بىلەن، بۇ بېكەت ئېلان قىلغان 30 يۈرۈش سىستېمىسىنى ئوخشاش بىر كومپيۇتېردا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
3. كەسپىي نۇسخىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كومپىيۇتىرى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان بۇلۇپ، بىر قېتىمدا 150 يۈەن تۆلەپ، 3 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ 3 دانە تەرتىپ نومۇرىنى 3 دانە كومپيۇتېردا ئىشلىتىپ، بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى خالىغانچە قايتا-قايتا قاچىلىيالايدۇ.
4. كارخانا نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما:: مەخسۇس كارخانا دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بىر قېتىمدا200 يۈەن تۆلەپ، 5 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ 5 دانە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق، 5 دانە كومپيۇتېردا بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
