WINDOWS 11 · مونتاج ۋە لايىھەلەش ئۈچۈن

Windows 11 26H2 — مونتاج ۋە لايىھەلەش يۇمشاق دېتاللىرى بىر يەرگە جەملەنگەن ھېچقانداق قىستۇرما قاچىلانمىغان نەشىرى

سىن مونتاج قىلىش، ئۈنۈم ئىشلەش، سۈرەت تەھرىرلەش ۋە گرافىك لايىھەلەش ئۈچۈن كېرەكلىك يۇمشاق دېتاللارنى بىر سىستېمىغا جەملىدۇق. بۇ نەشرگە Adobe 2026، CorelDRAW 2026 ۋە بىر قىسىم كۈندىلىك ياردەمچى قوراللار ئورنىتىلغان. تۆۋەندىكى ئېكران كۆرۈنۈشلىرىدىن سىستېما ئۇچۇرى ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئېچىلىش ھالىتىنى كۆرەلەيسىز.

سىستېمىنى قايتا ئورناتقاندا، ۋاقىتنى كۆپرەك ئالىدىغىنى يۇمشاق دېتاللارنى بىر-بىرلەپ ئورنىتىپ، خىزمەت مۇھىتىنى قايتا تەڭشەش بولىدۇ. بۇ نەشردە سىن، سۈرەت، ئاۋاز، ماتېرىيال باشقۇرۇش ۋە ئىشخانا قوراللىرى بىر يەرگە جەملەندى. مەقسەت — قايتا-قايتا ئورنىتىشقا كېتىدىغان ۋاقىتنى تېجەش.

سىستېما ۋە سىناق كومپيۇتېرىنىڭ ئۇچۇرى

تۈر ئېكران كۆرۈنۈشىدىكى ئۇچۇر
سىستېما نەشرى Windows 11 Pro 26H2
سىستېما قۇرۇلما نومۇرى 26300.9711
ئورنىتىلغان ۋاقتى 2026-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
Windows Feature Experience Pack 1000.26100.372.0
بىر تەرەپ قىلغۇچ 12th Gen Intel Core i9-12900KF
ئىچكى ساقلىغۇچ 16GB RAM
سىستېما تىپى 64 بىتلىق سىستېما، x64 ئاساسىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ

سىستېما يېڭىلاش ھەققىدە:ئېكران كۆرۈنۈشىدە Windows يېڭىلاشنىڭ 2099-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ مۇشۇ سىستېمىدىكى تەڭشەك بولۇپ، لازىم بولغاندا «داۋاملىق يېڭىلاش» (继续更新) كۇنۇپكىسى ئارقىلىق قايتا قوزغىتىشقا بولىدۇ. يېڭىلاش ۋاقتىنى ئۆزىڭىزنىڭ خىزمەت ئېھتىياجى ۋە ئۈسكۈنە ئەھۋالىغا قاراپ تاللىسىڭىز بولىدۇ. (تەۋسىيە:يىڭىلىماڭ)

قايسى يۇمشاق دېتاللار بار؟

ئىشلىتىش ئورنى يۇمشاق دېتاللار
سىن مونتاج Premiere Pro 2026، VideoStudio 2023(会声会影)، 剪映专业版
ھەرىكەتلىك گرافىك ۋە كۆرۈنۈش ئۈنۈمى After Effects 2026
سۈرەت تەھرىرلەش Photoshop 2026، Lightroom Classic، Capture One Pro، 像素蛋糕، Aperty، SkinFiner، PT Portrait، piccure+
گرافىك لايىھەلەش Illustrator 2026، CorelDRAW 2026
ئاۋاز تەھرىرلەش Audition 2026
ماتېرىيال باشقۇرۇش ۋە فورمات ئۆزگەرتىش Bridge 2026، Media Encoder 2026، Shutter Encoder
كۈندىلىك ئىشخانا ۋە ياردەمچى قوراللار Word، Excel، PowerPoint، Chrome، WeChat، QQ影音، GiliSoft SnapID

سىن مونتاج ۋە ئۈنۈم ئىشلەش

Premiere Pro 2026 — توي، پائالىيەت، تەشۋىقات فىلىمى ۋە قىسقا سىنلارنى مونتاج قىلىشقا ماس كېلىدۇ. بىر تۈر ئىچىدە سىنلارنى رەتلەش، خەت قوشۇش، رەڭ ۋە ئاۋازنى تەڭشەش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.

After Effects 2026 — فىلىم بېشى، ھەرىكەتلىك خەت، گرافىك ھەرىكىتى ۋە كۆرۈنۈش بىرىكتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. سىستېمىدا AE نىڭ 简体中文 ۋە ئىنگلىزچە تىلىنى ئالماشتۇرۇش قورالى 26.03 مۇ بار. سۈرەتتە بۇ قورالنىڭ After Effects 2026 نى تونۇغانلىقى ۋە نۆۋەتتىكى تىلنىڭ 简体中文 ئىكەنلىكى كۆرۈنىدۇ.

VideoStudio 2023(会声会影) — بۇ يۇمشاق دېتالغا كۆنگەنلەر توي سىنلىرى، ئائىلە خاتىرىسى ۋە سۈرەتلىك سىنلارنى ئۆزىگە تونۇش ئۇسۇلدا ئىشلىيەلەيدۇ.

剪映专业版 — سۆزلەش ئاساس قىلىنغان قىسقا سىن، خەت قوشۇش ۋە كۈندىلىك مەزمۇن تەييارلاشقا قولايلىق. تور ماتېرىياللىرى، بۇلۇت بوشلۇقى، سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدارلىرى ۋە ئەزالىق مۇلازىمىتى ھېساباتقا كىرگەندىن كېيىنكى ئەھۋالغا باغلىق.

سۈرەت تەھرىرلەش ۋە گرافىك لايىھەلەش

Photoshop 2026 — ئادەم سۈرىتىنى تۈزەش، ئارقا كۆرۈنۈشنى ئايرىش، سۈرەت بىرىكتۈرۈش ۋە لايىھەلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. Lightroom Classic ياكى Capture One بىلەن بىرگە ئىشلىتىپ، سۈرەتنى تاللاشتىن تارتىپ ئىنچىكە تەھرىرلەشكىچە بولغان خىزمەتنى تاماملىغىلى بولىدۇ.

Lightroom Classic ۋە Capture One Pro — RAW سۈرەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، سۈرەت تاللاش، رەڭ تەڭشەش ۋە كۆپ سۈرەتنى بىر تۈركۈمدە رەتلەشكە ماس كېلىدۇ. Capture One دا كامېرانى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ سۈرەتكە تارتىشقىمۇ بولىدۇ؛ قوللايدىغان كامېرا تىپى ئىشلىتىۋاتقان نەشرگە باغلىق.

像素蛋糕، Aperty، SkinFiner ۋە PT Portrait — ئادەم سۈرىتىنى تۈزەش ۋە سۈرەت بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. 像素蛋糕 نىڭ ھېسابات، بۇلۇت مۇلازىمىتى ياكى ھەقلىق ئىقتىدارلىرى ئۆز ھېساباتىڭىزدىكى مۇلازىمەت ئەھۋالىغا باغلىق.

Illustrator 2026 ۋە CorelDRAW 2026 — ۋېكتور گرافىك، بەلگە، ئېلان ۋە باسما لايىھەلىرىنى ئىشلەشكە ماس كېلىدۇ. سىنغا ئىشلىتىدىغان گرافىك ماتېرىياللارنىمۇ بۇ يۇمشاق دېتاللاردا تەييارلىغىلى بولىدۇ.

ئاۋاز، ماتېرىيال ۋە سىن چىقىرىش

Audition 2026 — ئاۋاز كېسىش، خاتىرىلەنگەن ئاۋازنى رەتلەش، شاۋقۇننى ئازايتىش ۋە ئاۋاز كۈچىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

Bridge 2026 — سۈرەت ۋە لايىھە ماتېرىياللىرىنى بىر يەردىن كۆرۈش، تاللاش ۋە باشقۇرۇشقا قولايلىق.

Media Encoder 2026 — Premiere Pro ۋە After Effects تۈرلىرىنى سىن ھۆججىتى قىلىپ چىقىرىشقا، شۇنداقلا كۆپ چىقىرىش ۋەزىپىسىنى نۆۋەتكە تىزىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

Shutter Encoder — سىن فورماتىنى ئۆزگەرتىش ۋە مونتاجدىن بۇرۇن ماتېرىيالنى مۇۋاپىق فورماتقا ئايلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

كىملەرگە ماس كېلىدۇ؟

  • توي، پائالىيەت، تەشۋىقات فىلىمى ۋە قىسقا سىن ئىشلەيدىغانلارغا؛
  • AE دا فىلىم بېشى، ھەرىكەتلىك خەت ۋە كۆرۈنۈش ئۈنۈمى تەييارلايدىغانلارغا؛
  • سۈرەت تاللاش، رەڭ تەڭشەش ۋە ئادەم سۈرىتىنى ئىنچىكە تۈزەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان فوتوگراف ۋە سۈرەتخانا خادىملىرىغا؛
  • PS، AI ۋە CorelDRAW دا ئېلان ۋە باسما لايىھەلىرىنى ئىشلەيدىغانلارغا.

ئورنىتىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن

كومپيۇتېر سەپلىمىسى:SSD قاتتىق دىسكا ۋە كەم دېگەندە 16GB ئىچكى ساقلىغۇچ تەۋسىيە قىلىنىدۇ. 4K سىن، چوڭ AE تۈرى ياكى بىر نەچچە يۇمشاق دېتالنى بىرگە ئىشلەتكەندە، 32GB ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە يېڭىراق مۇستەقىل گرافىك كارتا ئىشلىتىش ياخشى.

زاپاسلاش:سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن ئۈستەل يۈزى، ھۆججەتلەر، تۈر ھۆججەتلىرى، ماتېرىياللار، خەت نۇسخىلىرى، توركۆرگۈچ خەتكۈچلىرى ۋە يۇمشاق دېتال ئىجازەت ئۇچۇرلىرىنى زاپاسلىۋېلىڭ.

ئالدى بىلەن سىناپ بېقىڭ:بۇرۇنقى تۈرنى ئېچىشتىن بۇرۇن خەت نۇسخىسى، يۇمشاق دېتال نەشرى، گرافىك كارتا قوزغاتقۇچى ۋە ماتېرىيال يولىنى تەكشۈرۈڭ. ئاندىن كىچىك بىر تۈردە مونتاج، ئالدىن كۆرۈش، GPU تېزلىتىش ۋە سىن چىقىرىشنى سىناپ بېقىڭ.

سىستېما ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش ۋە بىرلەشتۈرۈش

سىستېما ھۆججىتى WIM فورماتىدا بولۇپ، بىر نەچچە بۆلەككە ئايرىپ يوللانغان. ئالدى بىلەن بارلىق بۆلەكلەرنى تولۇق چۈشۈرۈپ، بىر ھۆججەت قىسقۇچقا قويۇڭ.

  1. چۈشۈرگەن ھۆججەت قىسقۇچنى ئېچىپ، «非编系统之家镜像管理系统» قورالىنى قوزغىتىڭ.
  2. شۇ قورال ئارقىلىق بارلىق بۆلەكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، تولۇق .wim ھۆججىتى ھاسىل قىلىڭ.
  3. زاپاسلاش تاماملانغاندىن كېيىن، سىستېما يېزىلىدىغان دىسكا رايونىنى توغرا تاللاپ، ھاسىل بولغان WIM ھۆججىتى بىلەن سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ.
ئەسكەرتىش:سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە نىشان دىسكا رايونىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلىدۇ. باشلاشتىن بۇرۇن زاپاس ھۆججەتلىرىڭىزنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى ۋە توغرا رايوننى تاللىغانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈرۈڭ.

نەشر ھوقۇقى ۋە ئىشلىتىش:بۇ مەزمۇن ئۆگىنىش، سىناش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن. يۇمشاق دېتال ۋە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ ھوقۇقى ئەسلى ئاپتور ياكى شىركەتكە تەۋە. ھېسابات، مۇشتەرىلىك ۋە تور مۇلازىمەتلىرىنى مۇناسىۋەتلىك شىركەتنىڭ شەرتلىرى بويىچە ئىشلىتىڭ. نەشر ھوقۇقى ياكى باشقا مەسىلە بولسا، تور بېكەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.