🎬 Win11 كەسپىي نۇسخىسى 26H1 — سۈرەت ۋە سىن ئىجادىيەت مۇھىتى
بۇ سىستېما فوتو سۈرەتنى رەتلەش ۋە رەڭ تەڭشەش، گرافىك لايىھەلەش، قىسقا سىن ئىشلەش، ئالاھىدە ئۈنۈم قوشۇش ۋە ئاۋاز تەھرىرلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر مۇھىتتا ئورۇنداش ئۈچۈن تەييارلانغان. Capture One، CorelDRAW ۋە 会声会影 2023 قاتارلىق كۆپ ئىشلىتىلىدىغان پروگراممىلار بىر يەرگە جەم قىلىنغان.
✨ قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
📌 سىستېما ئۇچۇرى
| تۈر | تەپسىلات |
|---|---|
| 💻 سىستېما نۇسخىسى | Windows 11 كەسپىي نۇسخىسى تورسىز مۇھىتتا ئىخچاملانغان نۇسىخسى(Windows11_26H1_28000.2954_X64_) |
| 🎨 ئاساسلىق ئىشلىتىش ساھەسى | سۈرەت تەھرىرلەش، گرافىك لايىھەلەش، سىن كېسىش، ئالاھىدە ئۈنۈم ۋە ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش |
| 🧩 قاچىلانغان پروگراممىلار | Adobe ئىجادىيەت قوراللىرى، Capture One، CorelDRAW، 会声会影 2023 |
| 🖥️ كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسى | Intel Core i7-1065G7، 8GB ئىچكى ساقلىغۇچ مۇھىتىدا تەكرار سىنالغان |
🧰 ئىجادىيەت قوراللىرى
Premiere Pro، After Effects، Media Encoder
Photoshop، Lightroom Classic، Capture One
CorelDRAW، Adobe Bridge
Adobe Audition، 会声会影 2023
Word، Excel، PowerPoint، Chrome
🎬 خىزمەت جەريانىنى قانداق تەشكىللەيدۇ؟
سۈرەتلەرنى Lightroom Classic ياكى Capture One بىلەن رەتلەپ، يورۇقلۇق ۋە رەڭنى تەڭشەشكە بولىدۇ. ئىنچىكە رېتىش ۋە سۈرەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن Photoshop ئىشلىتىلىدۇ؛ CorelDRAW گرافىك لايىھەلەشكە، Adobe Bridge ماتېرىياللارنى باشقۇرۇشقا قولاي.
سىن كېسىش ئۈچۈن Premiere Pro ياكى 会声会影 2023 نى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. After Effects ھەرىكەتلىك گرافىكا ۋە ئالاھىدە ئۈنۈمگە، Audition ئاۋاز تەھرىرلەشكە، Media Encoder بولسا سىننى كودلاپ چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
✅ كىملەرنىڭ ئىشلىتىشگە ماس كىلىدۇ؟
بۇ سۈرەتلەردە كۆرسىتىلگەن ئۈسكۈنىدە 8GB ئىچكى ساقلىغۇچ بار. چوڭ تۈرلەر، كۆپ پروگراممىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىش ياكى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىنلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ RAM، يېتەرلىك SSD بوشلۇقى ۋە مۇۋاپىق گرافىك كارتىسى كېرەك بولۇشى مۇمكىن. پروگراممىلارنىڭ كونكرېت نۇسخىسى ۋە ئىقتىدارى ئەمەلىي قاچىلانغان مەزمۇنغا باغلىق.
سىستېمىنى قاچىلاشتىن بۇرۇن ئۈستەل يۈزى، ھۆججەتلەر، تۈر ھۆججەتلىرى، ماتېرىيال ئامبىرى، preset لار ۋە توركۆرگۈچ خەتكۈچلىرىنى زاپاسلاڭ. قاچىلاش تاماملانغاندىن كېيىن گرافىك كارتا قوزغاتقۇچى، cache ئورنى ۋە مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچنى ئۈسكۈنىڭىزگە ماسلاشتۇرۇڭ.















