بىرىنچى، نۇسخىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى

1. مۇقىملىقى كۈچەيتىلگەن:
20H2 نۇسخىسى Windows 10 نىڭ پىشىپ يېتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، كۆپ قېتىملىق يېڭىلاش ۋە تۈزىتىش ئارقىلىق سىستېمىنىڭ مۇقىملىقى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلگەن.
6-قېتىملىق يېڭىلاشتا مەلۇم بولغان مەسىلىلەر ۋە بوشلۇقلار تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزىتىلگەن بولۇپ، سىستېمىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىشەنچلىكلىكى ئاشۇرۇلغان.

2. ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلغان:
مىكروسوفت سىستېمىنىڭ ئارقا سۇپىسىنى تولۇق ئەلالاشتۇرۇپ، سىستېمىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى ۋە مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
كۆپ ۋەزىپىلىك بىر تەرەپ قىلىش ۋە يۇقىرى يۈك بېسىمى ئاستىدىكى ئەھۋاللارغا قارىتا ئالاھىدە ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ، سىستېمىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرغان.

3.يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان:
ئىقتىدارى كۈچلۈك «باشلاش تىزىملىكى» (Start Menu) قوشۇلغان، تىزىملىك تەگلىكى يېرىم سۈزۈك بولۇپ، كۆرۈنۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ گۈزەللەشكەن.
يېڭى Chromium مېغىزىدىكى Microsoft Edge تور كۆرگۈچى سەپلەنگەن بولۇپ، سۈرئىتى تېز، تور بېتىگە رەسىم سىزىش ۋە Contana ئاۋازلىق ياردەمچىسى قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلغان.
Alt-Tab ئىقتىدارى ياخشىلانغان بولۇپ، ھازىر Alt-Tab ئارقىلىق Edge تور كۆرگۈچىدىكى ئايرىم بەتلەرنىمۇ تېز سۈرئەتتە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

4. ئىشلىتىش قولايلىقلىقى ئاشۇرۇلغان:
ۋەزىپە تاختىسى (Taskbar) ياخشىلانغان، مەسىلەن: كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئۆزلۈكىدىن ۋەزىپە تاختىسىغا قادىلىپ تۇرىدۇ.
سىستېما خاسلىق مەزمۇنلىرى Windows 10 نىڭ «تەڭشەك» (Settings) ئەپىگە يۆتكەلگەن بولۇپ، مەشغۇلات قىلىش تېخىمۇ ئاسانلاشقان.

ئىككىنچى، كىملەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ؟

1. كارخانا ۋە ئىدارە-جەمئىيەت ئىشلەتكۈچىلىرى:
Windows 10 كەسپىي نۇسخىسى (Pro) كارخانىلارغا لازىملىق بولغان «دومېنغا قوشۇلۇش»، «يىراقتىن كونترول قىلىش»، «BitLocker شىفىرلاش» قاتارلىق كۈچلۈك ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مۇقىم سىستېما ئىقتىدارى كارخانىلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالايدۇ.

2.كەسپىي پىروگراممىرلار (ئاچقۇچىلار):
كەسپىي نۇسخا تەرەققىياتقا لازىملىق Hyper-V مەۋھۇم ماشىنىسى، Linux ئاستى سىستېمىسى (WSL) قاتارلىق قوراللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مۇقىم سىستېما مۇھىتى خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

3. سىستېما مۇقىملىقىغا يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ئىشلەتكۈچىلەر:
20H2 نۇسخىسى كۆپ قېتىم سىناقتىن ئۆتكەن ۋە تۈزىتىلگەن بولغاچقا، سىستېما قېتىپ قالمايدىغان، مۇقىم سىستېما ئىزدەۋاتقانلارغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

ئۈچىنچى، سىن، فوتوگرافلىق ۋە لايىھە يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن ماسلىشىشچانلىقى

1.سىن بىر تەرەپ قىلىش:
Adobe Premiere Pro قاتارلىق ئاساسلىق سىن تەھرىرلەش يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن ئىنتايىن ياخشى ماسلىشىدۇ.
ئەلالاشتۇرۇلغان سىستېما سىن بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

2. سۈرەتخانا ۋە فوتوگرافلىق ساھەسى:
سۈرەتخانىلاردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان Adobe Photoshop، Lightroom قاتارلىق يۇمشاق دېتاللار بۇ سىستېمىدا ئىنتايىن مۇقىم ئىشلەيدۇ.
سىستېمىنىڭ يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى سۈرەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلگەن.

3. گرافىك لايىھەلەش:
Adobe Illustrator، InDesign قاتارلىق لايىھەلەش يۇمشاق دېتاللىرى بۇ سىستېمىدا ئالاھىدە ياخشى ئىشلەيدۇ.
سىستېما تەمىنلىگەن گرافىك بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ ئىجادىيەت قىلىشىغا ۋە خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

بايانات: بۇ بېكەتتە سېتىلىدىغان تەرتىپ نومۇرى (Serial Number) Windows سىستېمىسى ياكى باشقا تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ئىجازەت نومۇرى ئەمەس، سېتىۋېلىش ھەققى پەقەت بىزنىڭ سىستېما بوغچىلاش (Packaging) خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىق ھەققىدۇر. تەرتىپ نومۇرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل (365 كۈن). تور بەتتىكى مەزمۇنلار پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر، سودا مەقسىتىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى تەمىنلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە، 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان نەشر ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئەسلىي ئاپتورنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بېكەتتە سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما ھەمدە شەخسىي نۇسخا، كەسپىي نۇسخا، كارخانا نۇسخىسىدىكى سېستىمىلارنى ئېلان قىلىندى، ھەر بىر نۇسخىنىڭ سېتىۋېلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىچە: 1. سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئاساسلىقى بىر قېتىملا سىناپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا 30 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپ نومۇرى پەقەت بىر قېتىملىق قاچىلاشنىلا قوللايدۇ، قاچىلانغاندىن كېيىن كۈچتىن قالىدۇ، قايتا قاچىلاشتا يېڭىدىن سېتىۋېلىش كېرەك. 2. شەخسىي نۇسخىدىكى سىن تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، بىر قېتىمدا 100 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ تەرتىپ نومۇرى بىلەن، بۇ بېكەت ئېلان قىلغان 30 يۈرۈش سىستېمىسىنى ئوخشاش بىر كومپيۇتېردا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ. 3. كەسپىي نۇسخىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كومپىيۇتىرى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان بۇلۇپ، بىر قېتىمدا 150 يۈەن تۆلەپ، 3 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ 3 دانە تەرتىپ نومۇرىنى 3 دانە كومپيۇتېردا ئىشلىتىپ، بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى خالىغانچە قايتا-قايتا قاچىلىيالايدۇ. 4. كارخانا نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما:: مەخسۇس كارخانا دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بىر قېتىمدا200 يۈەن تۆلەپ، 5 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ 5 دانە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق، 5 دانە كومپيۇتېردا بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.