Adobe XD
Adobe XD بولسا Adobe شىركىتى چىقارغان، تور بەت ۋە يانفۇن ئەپلىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى (UI) لايىھەلەيدىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى (UX) كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر گەۋدىلەشكەن كەسپىي قورالدۇر. بىرنچى: ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى 1. لايىھىلەش ۋە ئەسلى نۇسخا (Prototype) ياساش ۋېكتورلۇق سىزىش: سىزىق، شەكىل ۋە بەلگىلەرنى ئاسان سىزغىلى بولىدۇ. ئاپتوماتىك ماسلىشىش: لايىھەنى ھەر خىل چوڭ-كىچىكلىكتىكى ئېكرانلارغا (يانفۇن، پلانشېت، كومپيۇتېر) ئاپتوماتىك ماسلاشتۇرىدۇ. بۆلەكلەرنى باشقۇرۇش: بىر قېتىم ياسالغان كۇنۇپكا ياكى بۆلەكلەرنى كۆپ قېتىم قايتا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بىرىنى ئۆزگەرتسىڭىز ھەممىسى تەڭ ئۆزگىرىدۇ. ئاپتوماتىك كارتون: ئاددىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق لايىھەگە جانلىق كارتون ئۈنۈمى بەرگىلى بولىدۇ. 2. ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش (Interaction) بەت ئۇلاش: ئوخشىمىغان بەتلەرنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ، ئەپنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى ئەمەلىي سىناپ كۆرگىلى بولىدۇ. ئاۋازلىق ۋە ئويۇن كونترولى: ئاۋازلىق بۇيرۇق ياكى ئويۇن پۇلىتى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىشنى قوللايدۇ. 3. گۇرۇپپا بولۇپ
