Windows11 25H2 (26200.6899)x64 (2025.10.17)
1. يېڭى ئىقتىدارلار ۋە مۇھىم يېڭىلىنىشلار باشلاش (开始) تىزىملىكىنىڭ ئۆزگىرىشى: ئەپلەرنى تېپىش تېخىمۇ ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، كاتەكچە شەكىلدىكى تۈرگە ئايرىش لايىھەسى قوللىنىلدى. يانفون بىلەن ئۇلىنىش: ئايفون (iOS) ياكى ئاندروئىد يانفونلىرى بىلەن كومپيۇتېر ئوتتۇرىسىدا ھۆججەت يۆتكەش تېخىمۇ قولايلىقلاشتى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك باشقۇرۇش: كومپيۇتېر بىكار تۇرغاندا مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ سەرپىياتىنى ئاپتوماتىك چەكلەپ، نوتبۇكنىڭ توك چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. خاتىرە دەپتىرى (记事本) كۈچەيتىلدى: Markdown فورماتىنى قوللايدىغان بولدى، تېكىستلەرنى تەھرىرلەش تېخىمۇ ئاسانلاشتى. AI ياردەمچىسى: سىز ئادەتتىكى تىل بىلەن سوئال سورىسىڭىز، سىستېما ئۆزى ئاپتوماتىك ھەل قىلىش چارىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (مەسىلەن: چاشقىنەك كۆرسەتكۈچىنى قانداق چوڭايتىمەن؟ دېگەندەك). تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش: سىستېما قېتىپ قالسا ياكى كاشىلا كۆرۈلسە، ئاپتوماتىك ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھالىتىگە كىرىپ، كاشىلانى يىراقتىن تۈزىتىدۇ. كۆك ئېكران بىلەن خوشلىشىش: بۇرۇنقى كاشىلا كۆرۈلگەندىكى «كۆك ئېكران» (BSoD) ئەمدى
