Windows 10 Pro 64bit1607 نەشرى 2-قېتىملىق يېڭىلانغان ئەسلى نۇسخا (2017-01-19 نۇسخىسى)
1. بۇ نەشرنىڭ ئاساسلىق ئەۋزەللىكلىرى مۇقىملىق ۋە ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك قاتتىق دېتال قوللىشى: Windows 10 غا خاش بولغان كەڭ ماسلىشىشچانلىقنى داۋاملاشتۇرغان. Intel ۋە AMD نىڭ 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچلىرىنى، سىن كارتىسى ۋە باشقا قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى ياخشى قوللايدۇ. بولۇپمۇ كارخانا سەۋىيەسىدىكى قاتتىق دېتاللارغا بەك ماس كېلىدۇ. قوزغاتقۇچ (Driver) ئەلالاشتۇرۇلغان: نۇرغۇن ئورتاق قوزغاتقۇچلار قاچىلانغان بولۇپ، سىستېما ئورناتقاندىن كېيىن قوزغاتقۇچ ئىزدەپ يۈرۈش ئاۋارەچىلىكىنى ئازايتىدۇ. مۇقىملىقنى ئاساس قىلغان:گەرچە بۇ مەخسۇس LTSB (ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇلازىمەت) نەشرى بولمىسىمۇ، لېكىن 1607 نەشرى مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان سىستېما بولۇپ، سىستېمىنىڭ پات-پات ئۆزگىرىپ تۇرۇشىنى خالىمايدىغان ئورۇنلارغا ماس كېلىدۇ. بىخەتەرلىكى كۈچەيتىلگەن: مۇھىم ياماقلار توپلانغان: 2017-يىللىق يېڭىلاشتا تورغا ئۇلىنالماسلىق، سىستېما قېتىۋېلىش قاتارلىق كەمتۈكلەر تۈزىتىلگەن بولۇپ، تور بىخەتەرلىكى ئۆستۈرۈلگەن. كارخانا دەرىجىلىك قوغداش: Windows Defender، BitLocker (دىسكا شىفىرلاش) قاتارلىق ئىقتىدارلار ئارقىلىق ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى
