ھازىرقى زامان كومپيۇتېرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى UEFI ئەندىزىسىنى قوللىنىدۇ، ئەمما ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز كومپيۇتېرىنىڭ ئەنئەنىۋى BIOS ياكى UEFI ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈشتە قىينىلىدۇ. ئاساسىي تاختىنىڭ قايسى ئەندىزىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلىش سىستېما قاچىلاش ۋە دېسكا فورماتىنى تاللاشتا ئىنتايىن مۇھىم.

Windows سىستېمىسىدا تەكشۈرۈش ئۇسۇلى:

1-ئۇسۇل: 「سىستېما ئۇچۇرلىرى」 (System Information) ئارقىلىق كۆرۈش

Windows + R كۇنۇپكىسىنى بېسىپ «Run» كۆزنىكىنى ئېچىڭ، msinfo32 دەپ كىرگۈزۈپ، 「System Information」 كۆزنىكىنى ئېچىڭ.
سول تەرەپتىكى تىزىملىكتىن 「System Summary」 (سىستېما قىسقىچە مەزمۇنى) نى تاللاڭ، ئوڭ تەرەپتىن 「BIOS Mode」 (BIOS ئەندىزىسى) نى تېپىڭ:
ئەگەر 「UEFI」 دەپ كۆرۈنسە، ئاساسىي تاختىنىڭ UEFI ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر 「Legacy」 (ياكى تەقلىدىي/ئەنئەنىۋى) دەپ كۆرۈنسە، ئاساسىي تاختىنىڭ ئەنئەنىۋى BIOS ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

2-ئۇسۇل: «بۇيرۇق بېرىش سۇپىسى» (Command Prompt) ئارقىلىق كۆرۈش1.Windows + R بىرىكمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ «ئىجرا قىلىش» (Run) كۆزنىكىنى ئېچىڭ، cmd دەپ كىرگۈزۈڭ، ئاندىن Ctrl + Shift + Enter كۇنۇپكىلىرىنى بېسىپ «بۇيرۇق بېرىش سۇپىسى»نى باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە (Administrator) ئېچىڭ.

2. bcdedit بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ، «Path» يولىغا قاراڭ:

ئەگەر ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى **.exe** بولسا، ئەنئەنىۋى BIOS ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى **.efi** بولسا، UEFI ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

bcdedit بۇيرۇقى ئارقىلىق BIOS مودېلىنى تەكشۈرۈش3-ئۇسۇل: setupact.log خاتىرە ھۆججىتىنى تەكشۈرۈش

1. **Windows + E** بىرىكمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ «ھۆججەت باشقۇرغۇچ» (File Explorer) نى ئېچىڭ.

2. `C:\Windows\Panther` مۇندەرىجىسىگە كىرىپ، `setupact.log` ناملىق خاتىرە ھۆججىتىنى تېپىڭ ۋە قوش چېكىپ ئېچىڭ.

3. **Ctrl + F** كۇنۇپكىسىنى بېسىپ «Detected Boot Environment» دېگەن سۆز بۆلىكىنى ئىزدەڭ:

تۆۋەندىكى مەزمۇن كۆرۈلسە، **UEFI** ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:
`Callback_BootEnvironmentDetect: Detected boot environment: EFI`

تۆۋەندىكى مەزمۇن كۆرۈلسە، **BIOS** ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:
`Callback_BootEnvironmentDetect: Detected boot environment: BIOS`

setupact.log خاتىرە ھۆججىتى ئارقىلىق BIOS مودېلىنى تەكشۈرۈش
بايانات: بۇ بېكەتتە سېتىلىدىغان تەرتىپ نومۇرى (Serial Number) Windows سىستېمىسى ياكى باشقا تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ئىجازەت نومۇرى ئەمەس، سېتىۋېلىش ھەققى پەقەت بىزنىڭ سىستېما بوغچىلاش (Packaging) خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىق ھەققىدۇر. تەرتىپ نومۇرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل (365 كۈن). تور بەتتىكى مەزمۇنلار پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر، سودا مەقسىتىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى تەمىنلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە، 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان نەشر ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئەسلىي ئاپتورنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بېكەتتە سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما ھەمدە شەخسىي نۇسخا، كەسپىي نۇسخا، كارخانا نۇسخىسىدىكى سېستىمىلارنى ئېلان قىلىندى، ھەر بىر نۇسخىنىڭ سېتىۋېلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىچە: 1. سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئاساسلىقى بىر قېتىملا سىناپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا 30 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپ نومۇرى پەقەت بىر قېتىملىق قاچىلاشنىلا قوللايدۇ، قاچىلانغاندىن كېيىن كۈچتىن قالىدۇ، قايتا قاچىلاشتا يېڭىدىن سېتىۋېلىش كېرەك. 2. شەخسىي نۇسخىدىكى سىن تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، بىر قېتىمدا 100 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ تەرتىپ نومۇرى بىلەن، بۇ بېكەت ئېلان قىلغان 30 يۈرۈش سىستېمىسىنى ئوخشاش بىر كومپيۇتېردا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ. 3. كەسپىي نۇسخىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كومپىيۇتىرى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان بۇلۇپ، بىر قېتىمدا 150 يۈەن تۆلەپ، 3 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ 3 دانە تەرتىپ نومۇرىنى 3 دانە كومپيۇتېردا ئىشلىتىپ، بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى خالىغانچە قايتا-قايتا قاچىلىيالايدۇ. 4. كارخانا نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما:: مەخسۇس كارخانا دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بىر قېتىمدا200 يۈەن تۆلەپ، 5 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ 5 دانە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق، 5 دانە كومپيۇتېردا بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.