توردا PE ياساش ئۈچۈن تەييارلانغان قۇراللار ئىنتايىن كۆپ، لېكىن بىر قىسىملىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئېلانلىرىنى قاچىلىغان سېستىمىغا قۇشىۋىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، شۇ سەۋەپتىن سېستىمام تورى قۇرۇلغاندىن باشلاپ 优启通EasyU قۇرالىنى تەۋسىيەلەپ، تارقاتقان ھەرخىل سېستىمىلار بىلەن بىللە تەمىنلەپ كەلگەن ئىدى، لېكىن بىر قىسىم كەسىپداشلارنىڭ بىلمەسلىكى سەۋەپلىك يەنىلا باشقا خىلدىكى PE ياساش قۇراللىرىدىن پايدىلىنىپ بارماق دېسكىدىن قوزغىلىدىغان قۇرال ياساپ سېستىما قاچىلاپ بىھۇدە جاپالارنى تارتىۋالدى.
优启通EasyU بولسا it天空 تور بېتى مەخسۇس تارقاتقان بارماق دېسكىدىن قوزغىلىدىغان PE ياساش قۇرالى بۇلۇپ، سېستىمام تورى تەۋسىيەلىگىنى بولسا مۇشۇ ئاساستا it天空 تور بېتى ئۆزگەرتىشكە يول قويغان ئاساستا قايتىدىن ئەلالاشتۇرۇپ ياسىلىپ تارقىتىپ كىلىۋاتقان 小鱼儿yr系统 تور بېتى تارقاتقان نۇسخا، بۇ نۇسخىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كومپىيۇتىرىڭىز PE مۇھىتىدىمۇ تورغا ئۇلىنالايدۇ، يىراقتىن كونتىروللاش يۇمشاق دېتاللىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ پايدىلىق قۇراللار بىللە تەمىنلەنگەن، ئىنتايىن پاكىز، ئىشلىتىش قۇلايلىق

يەنى تۈۋەندىكى پايدىلىق قۇراللار بۇ نەشىرىگە قۇشۇلدى

优启通PE专用桌面系统信息工具EasyInfo

小鱼儿yr系统封装优化设置辅助工具

远程工具ToDesk

远程工具AnyDesk

远程工具TeamViewerQS

远程工具向日葵

PE版迅雷

PE版QQ

快速分区工具

引导修复工具

MD5校验器

WIFI网络连接

بارماق دېسكا ھالىتىدە قوزغاتقاندىن كېيىنىكى بىر قىسىم كەسمە سۈرەتلىرى

بايانات: بۇ بېكەتتە سېتىلىدىغان تەرتىپ نومۇرى (Serial Number) Windows سىستېمىسى ياكى باشقا تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ قانۇنلۇق ئىجازەت نومۇرى ئەمەس، سېتىۋېلىش ھەققى پەقەت بىزنىڭ سىستېما بوغچىلاش (Packaging) خىزمىتىمىزنىڭ جاپالىق ھەققىدۇر. تەرتىپ نومۇرىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىل (365 كۈن). تور بەتتىكى مەزمۇنلار پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئۆگىنىشى ئۈچۈندۇر، سودا مەقسىتىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇمشاق دېتالغا ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئەگەر ئىشلەتكۈچى تەمىنلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى سودا پائالىيەتلىرىگە ئىشلەتسە، 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆزى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان نەشر ھوقۇقى تالاش-تارتىشلىرىغا ئىشلەتكۈچى ئۆزى تولۇق مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر بۇ بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئەسلىي ئاپتورنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بېكەتتە سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما ھەمدە شەخسىي نۇسخا، كەسپىي نۇسخا، كارخانا نۇسخىسىدىكى سېستىمىلارنى ئېلان قىلىندى، ھەر بىر نۇسخىنىڭ سېتىۋېلىش قائىدىسى تۆۋەندىكىچە: 1. سىناق نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئاساسلىقى بىر قېتىملا سىناپ ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بىر قېتىمدا 30 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ تەرتىپ نومۇرى پەقەت بىر قېتىملىق قاچىلاشنىلا قوللايدۇ، قاچىلانغاندىن كېيىن كۈچتىن قالىدۇ، قايتا قاچىلاشتا يېڭىدىن سېتىۋېلىش كېرەك. 2. شەخسىي نۇسخىدىكى سىن تەھرىرلەش سىستېمىسى: ئوخشىمىغان سېستىمىلارغا ئېھتىياجى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، بىر قېتىمدا 100 يۈەن تۆلەپ، بىر دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ، ئىشلەتكۈچى بۇ تەرتىپ نومۇرى بىلەن، بۇ بېكەت ئېلان قىلغان 30 يۈرۈش سىستېمىسىنى ئوخشاش بىر كومپيۇتېردا قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ. 3. كەسپىي نۇسخىدىكى بوغچىلانغان سىستېما: ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كومپىيۇتىرى بار ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتىلغان بۇلۇپ، بىر قېتىمدا 150 يۈەن تۆلەپ، 3 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرى سېتىۋالىدۇ. ئىشلەتكۈچى بۇ 3 دانە تەرتىپ نومۇرىنى 3 دانە كومپيۇتېردا ئىشلىتىپ، بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى خالىغانچە قايتا-قايتا قاچىلىيالايدۇ. 4. كارخانا نۇسخىسىدىكى بوغچىلانغان سىستېما:: مەخسۇس كارخانا دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، بىر قېتىمدا200 يۈەن تۆلەپ، 5 دانە ئۈنۈملۈك تەرتىپ نومۇرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كارخانا ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ 5 دانە تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق، 5 دانە كومپيۇتېردا بۇ بېكەتتىكى بارلىق سىستېمىلارنى قايتا-قايتا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.