Windows11 LTSC 2024 (26100.6584) X64 (2025.9.13)
Windows 11 LTSC 2024 سىستېمىسى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش Windows 11 LTSC 2024 بولسا Microsoft شىركىتىنىڭ Windows 11 24H2 نەشرى ئاساسىدا، ئالاھىدە تۇراقلىقلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشەنچلىك بولۇشنى چىقىش قىلىپ تەييارلىغان «ئىخچاملانغان» كارخانا نەشرىدۇر. ئۇ ئاساسلىقى سىستېمىنىڭ تېز، بىخەتەر ۋە ئارتۇقچە زاپچاسلاردىن خالىي بولۇشىنى خالايدىغان ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ. بىرىنچى، سىستېما ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە LTSC (Long-Term Servicing Channel) دېگىنىمىز «ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇلازىمەت قانىلى» دېگەنلىكتۇر. بۇ سىستېمىدىن نۇرغۇنلىغان كېرەكسىز ئەپ ۋە زاپچاسلار چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، پەقەت ئەڭ زۆرۈر بولغان ئىقتىدارلارلا ساقلاپ قېلىنغان. شۇڭا سىستېما ئىنتايىن تېز ۋە تۇراقلىق ئىشلەيدۇ. ئىككىنچى، سىستېمىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى يۇقىرى تۇراقلىقلىق: سىستېما يادروسى ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆچۈرمەي ئىشلەتسىمۇ قېتىپ قالمايدۇ، چوڭ تىپتىكى يۇمشاق دېتاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. يۇقىرى بىخەتەرلىك: ئەڭ يېڭى بىخەتەرلىك ياماقلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىسى سەپلەنگەن. Windows
