مەشخۇلات سېستىمىسى

Windows11 LTSC 2024 (26100.6584) X64 (2025.9.13)

Windows 11 LTSC 2024 سىستېمىسى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش Windows 11 LTSC 2024 بولسا Microsoft شىركىتىنىڭ Windows 11 24H2 نەشرى ئاساسىدا، ئالاھىدە تۇراقلىقلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشەنچلىك بولۇشنى چىقىش قىلىپ تەييارلىغان «ئىخچاملانغان» كارخانا نەشرىدۇر. ئۇ ئاساسلىقى سىستېمىنىڭ تېز، بىخەتەر ۋە ئارتۇقچە زاپچاسلاردىن خالىي بولۇشىنى خالايدىغان ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ. بىرىنچى، سىستېما ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە LTSC (Long-Term Servicing Channel) دېگىنىمىز «ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇلازىمەت قانىلى» دېگەنلىكتۇر. بۇ سىستېمىدىن نۇرغۇنلىغان كېرەكسىز ئەپ ۋە زاپچاسلار چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، پەقەت ئەڭ زۆرۈر بولغان ئىقتىدارلارلا ساقلاپ قېلىنغان. شۇڭا سىستېما ئىنتايىن تېز ۋە تۇراقلىق ئىشلەيدۇ. ئىككىنچى، سىستېمىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى يۇقىرى تۇراقلىقلىق: سىستېما يادروسى ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆچۈرمەي ئىشلەتسىمۇ قېتىپ قالمايدۇ، چوڭ تىپتىكى يۇمشاق دېتاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. يۇقىرى بىخەتەرلىك: ئەڭ يېڭى بىخەتەرلىك ياماقلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىسى سەپلەنگەن. Windows

Windows11 25H2 (26200.6899)x64 (2025.10.17)

1. يېڭى ئىقتىدارلار ۋە مۇھىم يېڭىلىنىشلار باشلاش (开始) تىزىملىكىنىڭ ئۆزگىرىشى: ئەپلەرنى تېپىش تېخىمۇ ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، كاتەكچە شەكىلدىكى تۈرگە ئايرىش لايىھەسى قوللىنىلدى. يانفون بىلەن ئۇلىنىش: ئايفون (iOS) ياكى ئاندروئىد يانفونلىرى بىلەن كومپيۇتېر ئوتتۇرىسىدا ھۆججەت يۆتكەش تېخىمۇ قولايلىقلاشتى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك باشقۇرۇش: كومپيۇتېر بىكار تۇرغاندا مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ سەرپىياتىنى ئاپتوماتىك چەكلەپ، نوتبۇكنىڭ توك چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. خاتىرە دەپتىرى (记事本) كۈچەيتىلدى: Markdown فورماتىنى قوللايدىغان بولدى، تېكىستلەرنى تەھرىرلەش تېخىمۇ ئاسانلاشتى. AI ياردەمچىسى: سىز ئادەتتىكى تىل بىلەن سوئال سورىسىڭىز، سىستېما ئۆزى ئاپتوماتىك ھەل قىلىش چارىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (مەسىلەن: چاشقىنەك كۆرسەتكۈچىنى قانداق چوڭايتىمەن؟ دېگەندەك). تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش: سىستېما قېتىپ قالسا ياكى كاشىلا كۆرۈلسە، ئاپتوماتىك ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھالىتىگە كىرىپ، كاشىلانى يىراقتىن تۈزىتىدۇ. كۆك ئېكران بىلەن خوشلىشىش: بۇرۇنقى كاشىلا كۆرۈلگەندىكى «كۆك ئېكران» (BSoD) ئەمدى

Windows11 26H1 (28000.1199)x64 (2025.11.26)

سىستېما ئومۇمىي ئەھۋالى بۇ Windows11 26H2 UUP ئالدىن كۆرۈش نۇسخىسى بولۇپ، ئىقتىدارلىرى قىسقارتىلمىغان ۋە ئەلالاشتۇرۇلمىغان. Windows 11 26H1 نۇسخىسىدا مىكروسوفت رەسمىي ھالدا NET 3.5 ئىقتىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئايرىم قاچىلاش بولىقى مەۋجۇت. Windows 11 26H1 نۇسخىسى ئاساسلىق دىققەتنى ئاستىنقى قاتلام قۇرۇلمىسىنى چوڭقۇر ئەلالاشتۇرۇش ۋە يېڭى قاتتىق دېتال سۇپىلىرىنى تولۇق قوللاشقا قاراتقان.دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، Windows 11 26H1 بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى تۆت يىل ئىلگىرى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى بىردىنبىر H1 نۇسخىسىدۇر. مىكروسوفت بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرگە Windows 11 25H2 نۇسخىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، Canary قانىلىدا 26H1 نۇسخىسىنى سىناق قىلىشقا باشلىدى. بۇ قېتىملىق يېڭىلاش ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلغۇچلارغا قارىتىلغان «سۇپا يېڭىلىنىشى» قىلىپ لايىھەلەنگەن. گەرچە مىكروسوفت قايسى بىر تەرەپ قىلغۇچلارغا قارىتىلغانلىقىنى تېخى ئېنىق ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئەمما مۆلچەرلىنىشىچە، Windows 11 26H1 نۇسخىسى پەقەت Snapdragon X2 Elite